سوئال: توي قىلغىنىمغا ئىككى يىل بولدى، توي قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئايالىم بىلەن ئەمدىلا بىر يەردە بولۇشۇمغا ئۇ جىنسىي يولۇمنىڭ ئىچى ئاغرىپ كەتتى، دەپ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ بىر يەردە بولىشىمىز ئوبدان بولماي كېلىۋاتىدۇ. بىز ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا كۆرۈندۇق، دوختۇر ئايالىمنىڭ جىنسىي ئەزاسى بەك تارتىشىپ تۇرىدىكەن، جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئاستىراق بىر ئىش قىلىڭ دېدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئاغرىيدىكەن.
ئايالىم يەنە بىر مۇتەخەسسىسكە كۆرۈنۈپ داۋالاندى، ئۇ ئايالىمنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدى ۋە ئۇنىڭغا دائىم كېڭەيتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب ئىشلىتىڭ دەپ، تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئايالىم ئىزا تارتقىنىدىن ئىشلىتىشكە كۆنمەي كېلىۋاتىدۇ، زادى قانداق قىلساق بولار؟
دوختۇر: سىزنىڭ ئېيتىشىڭىزغا قارىغاندا، ئايالىڭىزدىكى مەسىلە، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى روھى جەھەتتىكى مەسىلىدەك تۇرىدۇ، ئۇ ئېھتىمال جىنسىي يول مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قېلىش ياكى يىغىلىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئادەتتە جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى داۋالىغان چاغدا، ئۇنىڭ جىنسىي ئالاقىنى ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىش كېرەك، ئۇنىڭدا جىنسىي ئالاقىنى روھى جەھەتتىن ياقتۇرماسلىق ياكى قورقۇش ئەھۋالى باردەك قىلىدۇ، بۇنى داۋالىتىش كېرەك.
بەزىدە يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر تۇنجى قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. جىنسىي تۇرمۇشقا ياخشى تەييارلىقى بولمىغان ئاياللاردا، روھىي جەھەتتىن پايدىسىز ئىنكاس بولىدۇ. تۇنجى قېتىمدىكى بۇنداق چۆچۈپ كېتىش ئۇنىڭدا ھەر قېتىملىق جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈشكە قورقۇش ھېسسىياتى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەقسەتسىز ھالدا بىر روھى مۇداپىئە لىنىيىسى تىكلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تەييارلىقى بولغان ھالدا جىنسىي تۇرمۇشقا ئوبدان ماسلىشىپ، لايىق تۈردە بوشىشىپ بېرەلمەيدۇ.
بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە قىزلىق پەردىنىڭ چىڭلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، قىزلىق پەردە ئاسان يىرتىلىدىغان ۋە كېڭىيىدىغان بولغاچقا، تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزگەندىمۇ ئانچە ئاغرىمايدۇ. ئايرىم كىشىلەردە قوش قەۋەتلىك قىزلىق پەردىسى بىر تۇتاش توقۇلمىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆسكەن بولغاچقا، ئۇ ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، ئاسان يىرتىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال بولسا، دوختۇرغا بېرىپ يوچۇق ئېچىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەگەر بۇ بەدەن توقۇلمىلىرىدىكى سەۋەبتىن بولغان بولسا، ئۇنى داۋالاش ئاسان؛ ئەگەر ئۇ روھى جەھەتتىكى سەۋەبتىن بولغان بولسا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يەتسىلا، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشالايدۇ، ئوبدان ماسلىشالايدۇ.