مەملىكىتىمىز ۋە رايۇنىمىزدىكى ئۆرۇپ-ئادەت بويىچە توي قىلمىغان(نىكاھلانمىغان)قىزلار‹‹قىز››دەپ ئاتىلىپ، ئۇ يەنە ‹‹پاكلىق››دېگەن مەنىنىمۇ بىرىدۇ. كۆپۇنچە، كىشى قىزنىڭ قىزلىق پەردىسى پۇتۇن (ساق) بولسىلا ئاندىن ئۇنى جىنسىي ئالاقە قىلىپ باقمىغان ساق قىز دېيىشىدۇ.
ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئاللىبۇرۇن ئىففەت-نۇمۇسىنى (قىزلىق پەزىلىتىنى)يوقاتقان دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل قاراش ئاللىبۇرۇن كېشىلەرنىڭ مېڭىسىدە بىرخىل ئۆزگەرمەس قانۇنغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ئىناق ئۆتەلمەسلىك(كېلىشەلمەسلىك) نىڭ سەۋەبلىرىدىن بېرى ھىساپلىنىدۇ. ھەتتا بەزىدە يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ئاجرىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى توي قىلغان ۋاقىتتا قىزلىق پەردە ۋە قىز بىلەن قىزلىق پەردىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاز-تولا بېلىپ قويۇش خېلى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە زۆرۇر.
قىزلىق پەردىسى جىنسىي يول سىرىتقى ئاغزىنى توسۇپ (يېپىپ)تۇرىدىغان بىر پارچە ئوتتۇرسى بوش،نېپىز پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1-2مىللىمىتىر كېلىدۇ.پەردىنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى يۇزى سىلىق شىللىق پەردە بولۇپ،بۇ ئىككى قەۋۋەت شىللىق پەردە ئوتتۇرسىدىكى تۆشۇك قىزلىق پەردە تۆشىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆشۇكنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى، پەردىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ھەر قانداق قىزلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن1-1.5 سانتېمېتىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ شەكلى كۆپىنچە يۇمىلاق، سوقىچاق،بەزىدە يېرىم ئايسىمان بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پەردىسىدە ئىككى تۆشۇك بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ياكى ئوڭ سولدا قاتار ھالەتتە بولىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇششاق تۆشۇكلەر بولۇپ خۇددى خەلۋىرنىڭ تۇشۇكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.قىزلىق پەردە سىرتىدىكى پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنىڭ جىنسىي يولغا كېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىنسىي يولنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.قىزلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بەدەندە ئاياللىق گورمۇنلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدۇ. جىنسىي يولنىڭ قارشىلىق كۇچى كۇچىيىپ قىزلىق پەردىسى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكلەر فىزىئولوگىيلىك جەھەتتە ئىنتايىن زۆرۇر بولۇپ، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەيىز قانلىرىنى مۇشۇ تۇشۇك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.
ئەگەر قىزلىق پەردىدە ئۇششاق تۇشۇكلەر بولمىسا ھەر ئايدا كېلىدىغان ھەيىز قانلىرى توسۇلۇپ قېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقالمايدۇ. بۇ تىببى پەندە پۇتەي پەردە دېيىلىدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا سېزىلمىسە ھەيىز قېنى جىنسىي يول ئىچىدە يېغىلىپ قېلىپ، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپىيۋىرىپ يۇقىرى ئكرلەپ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم تۇشۇش(ئۆتۇش)نەيچىسى ئارقىلىق ھەتتا قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كېرىشى ،تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى ،ئۇچەينىڭ چاپلىشىىپ قېلىشىنى،قورساق بوشلىقىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.
ئادەتتە قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇنى قىز دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. خېلى كۆپ ھاللاردا راسىت قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلغان بولىدۇ. ھالبۇكى بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى گەرچە پۇتۇن(بۇزۇلمىغان )بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇنلار قىز ئەمەس-چوكان بولىدۇ.ئۇ خىلدىكى چوكانلارنىڭ قىزلىق پەردە تۇشۇكى نىسبەتەن چوڭ ،ئەۋرىشىملىكى ياىشى،پەردە ئىچىدە قان تومۇر ئاز بولىدۇ. جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا ئەرنىڭ ھەرىكىتى سىلىق،سىپايە بولۇپ، كۆپ قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزسىمۇ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلمايدۇ.
ئۇنىڭ ئەكىسچە بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى كۇتۇلمىگەن ياكى ئويلىمىغان بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:بەزى قىزلار بالا مەزگىلىدە بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئۇششاق ئۇيۇنچۇقلارنى جىنسىي يولىغا كىرگۇزىۋىلىپ قىزلىق پەردىسىنى بۇزىۋىتىدۇ.بەزىلىرىنىڭ تاسادىپى سىرىتتىن زەخمىلىنىدۇ. بەزىلىرى قولى بىلەن لەززەتلىنىش(ئانالىزىم قىلىش)، يۇيۇنۇش ياكى جىنسىي يولغا دورا كىرگۇزۇش قاتارلىقلار بىلەن زەخمىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ قىزلىق پەردىسى ئەسىلىدىلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ توي قىلىشتىن بۇرۇن توپ ئويناش،يۇگۇرەش،ئىگىزگە سەكرەش،ئاتقا مېنىش،ۋېلىسپىت مېنىش،چامباشچىلىق قاتارلىق نىسبەتەن ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ قىز ياكى پاك ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ.