پىسخولوگىيىلىك رولىدا. تاماكا چېكىشنىڭ پىسخىكىلىق رولىنى جەمئىي يەتتە ئامىلغا يەنى ئۈچ تۈرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلار: 1 ـ، كۆك تاماكىنىڭ خۇمارى؛ 2 ـ، روھى كەيپىياتنى تەڭشەش، تىنىچلاندۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش، ھوزۇرلىنىش؛ 3 -، ئىجتىمائىي ئادەت.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئېھتىياجى تاماكا چېكىش ئىچىدە پىسخىكىلىق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا تاماكا چېكىشنى چەكلەش، تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش جەريانىدا ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك تاماكا تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرش، تاماكا چەكمەسلىك نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
بەزى ۋاقىتتا تاماكا چەككۈچىلەر نىكوتىننىڭ خۇمارىنى ناھايىتى تەستە باسىدۇ. تاماكا تاشلىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بازارلاردا تەركىبىدە نىكوتىن بولغان سېغىز، تاماكا تاشلىتىش دورىسى قاتارلىقلار سېتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىكوتىننى قۇبۇل قىلىش مىقتارىنى ئاستا - ئاستا ئازايتىشقا تايىنىدۇ.
تاماكا تاشلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى تاماكا چەككەندىن كېيىن ئېغىزدا بىر خىل كىشىنى بىئارام قىلىدىغان غەيرى تەم پەيدا قىلىپ، ئادەمنى تەبىئىي ھالدا تاماكا چېكىشتىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىشى، تاماكا تاشلاشقا ئىشەنچ بولۇشى، قەتئىي ئىرادىگە كىلىشى لازىم. مەيلى ئائىلىدىكىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بولسۇن ۋە مەيلى تاماكا تاشلاتقۇچى دورىلارغا تايانغان بولسۇن، بۇ يەردىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە تاماكا چەككۈچىنىڭ تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىشى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلىشىدىن ئىبارەت. ئىزچىل بۇ خىل ئىدىيىنى تۇرغۇزغاندىلا تاماكا تاشلاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك .