سوئال: ھەددىدىن زىيادە يوغان جىنسىي لەۋنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق كىچىكلەتكىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ جىنسىي لەۋلىرىم نورمال ئەمەس، ھەم ئۇزۇن، ھەم يوغان. بۇ مېنى ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندۇرماقتا، بېشىم قېتىۋاتىدۇ.
مېنىڭ توي قىلغىنىمغا 19يىل بولدى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ئىناق. مەن دوختۇر ۋە سېستىرالارغا غەلىتە جىنسىي لەۋلىرىمنى كۆرسىتىشتىن خىجىل بولۇپ، يەنە پەرزەنت يۈزى كۆرۈشكە پېتىنالماي كېلىۋاتىمەن،
مەن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ، زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلمىدىم. ماڭا ئوخشاش ئەھۋالدىكىلەرنى داۋالاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ مەن بۇنى دوختۇرغا قانداق ئېيتسام بولىدۇ؟
دوختۇر: سىزنىڭ جىنسىي يول ئېغىزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئوڭشاش ناھايىتى ئاسان، ئوپېراتسىيىسىمۇ ناھايىتى ئاددىي. ئەگەر ئۇ سىزگە شۇنچە چوڭ قايغۇ ئېلىپ كەلگىن بولسا، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇۋېتىڭ. ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئوڭشاش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ روھى قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش تەس ئىش.
سىزنى مۇشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىش، دوختۇر ۋە سېستىرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. كۆپ ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش. بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئاددىيلا بىر ئىش.
شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى