پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش
  • تـــــــــــــــــوي كىچىسى
  • جىنسى مۇناسىۋەت جەريانى
  • ئاجايىپ قىززىق ئىككى ‹‹تۆت مىنۇت››
  • جىنسى لەۋنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوغان بولۇشى
  • قىز ۋە قىزلىق پەردىسى
  • ھەقىقى قىزىقىشقا تىگىشلىك ئاياللار
  • زەكەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قانچە بولسا نۇرمال
  • جىنسى ئالاقە قىلىش قېتىم سانى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
  • پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
  • مەنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتسە ، ھامىلدار بولامدۇ؟
  • جىنسىي ئالاقىدىكى ئاغرىش
  • زېرىكىشلىك جىنسىي تۇرمۇشنى تەڭشەشنىڭ 6 خىل ئۇسۇلى
  • جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغا ...
  • تويدىن بۇرۇنقى جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زىيىنى
  • ئاياللاردا جىنسىي تەلەپنىڭ كەمچىل بولۇشى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • جىنسىي ئاجىز لىقنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ پرىنسىپل ...
  • بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىش سەۋەبلىرى
  • ئەڭ يېڭى تەتقىقات : بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىشقا 8.2 سېكۇنت ...
  • جىنسىي ھېسسىيات سۇسلىشىش
  • خانىم قىزلار ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتە قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...
  • ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدار
  • ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق
  • ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
  • تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
  • مەنى قانچە كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى دىگەن كۆز قاراش خاتا ...
  • ھاراق ۋە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىش
  •  
    ئەرلەرنىڭ چىچى بۇرۇن چۈشۈپ كىتىشنىڭ سەۋەپلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-09-20 ئاۋاتلىقى:22535
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
         1. ئىرسىيەت ئامىلى. ئەرلەردە تاقىرباش ئىرسىيەت گېنى بولمىسا چېچى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. 

         2. ھورموننىڭ ئاجرىلىشى. چاچ چۈشۈپ كېتىش ياشانغانلارغىلا خاس ئەمەس، ياشلارنىڭمۇ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئەرلىك ھورموننىڭ بەك كۆپ ئاجرىلىشى سەۋەب بولىدۇ.

         3. روھىي ھالەت. روھىي زەربىگە ئۇچرىغان، روھىي ھالىتىدە تەشۋىش، جىددىيلىك كۆرۈلگەنلەرنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. 

         4. سكلوخوسفامىد، فلۇئوروئۇراتسىل، ئاكتىنومىتسىن D، ۋىنكرستىن، كولخستىن، ستوزىنگە ئوخشاش خىمىيىۋى دورىلار چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. تالېي، سېلېنگە ئوخشاش رەڭلىك مېتاللاردىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭمۇ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ.

         5. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا چاچ ياخشى يېتىلەلمەيدۇ. ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل كەم بولسا چاچ ياخشى يېتىلەلمەيدۇ. يېمەكلىك زىيادە ياغلىق بولسا، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ۋىتامىن A كەم بولسا چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ.

         6. تەتقىقاتتىن تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشكە بەدەننىڭ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئامىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. چاچنىڭ تەڭگىسىمان چۈشۈپ كەتكەن قىسمىدىكى تۈك خالتىسىنىڭ ئاستىدا بولىدىغان T ھۈجەيرە نەم بولىدىكەن. بەزىلەرنىڭ قان زەردابىدىن ئانتېتىروئىن (قالقانسىمان بەز ھورمونىغا قارشى ماددا)غا ئوخشاش ئانتېلانىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان.

         7. يېتىلىشنىڭ نورمالسىز بولۇشى، يىغىندى كېسەل، بالدۇر قېرىش قاتارلىقلارمۇ چاچنىڭ پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىشىگە ياكى شالاڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

         8. چاچنى ياخشى ئاسرىماسلىق. 1) باش كىيىمنى كۈن بويى باشتىن چۈشۈرمىسە باش قان تومۇرلىرى بېسىلىپ قېلىپ قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.  2) ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە بەدەننىڭ ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى سۈمۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چىرىشكە قارشى ماددىلار چاچنى كۆرۈمسىزلەشتۈرۈۋېىتىدۇ. 3) كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 4) زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەت چاچنىڭ يۇمشاپ، ئىنچىكىلەپ كېتىشىگە، ئاخىرىدا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. 5) ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان مۇھىتتا ئۇزاق تۇرغاندىمۇ چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.

         9. چاچ ئاسراش ۋە چاچ پەردىزى مۇۋاپىق بولماسلىق. 1) چاچ ئۇچىنى تىغ بىلەن قىرغاندا چاچ ئىلىكى، پوسلىقى زەخىملىنىپ چاچ يېرىلىپ ۋە ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ چاچنى قىرقىپ بولۇپلا بۈدرە قىلغاندا زەخىملىنىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چاچ قايچا بىلەن قىرقىلسا ئۇنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچقانداق زەرەر يەتمەيدۇ. 2) بۈدرە قىلىش، بوياش چاچنىڭ پوسلاق قەۋىتىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۈدرە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق چاچنىڭ پوسلاق قەۋىتىدىكى ئاقسىل ۋە ياغنى ئېرىتىپ يۇمشىتىۋېتىدۇ، بوياق چاچ قارا پىگمېنتىنى يوقىتىپ چاچقا رەڭ كىرگۈزىدۇ. شۇڭا بۈدرە قىلىش سۇيۇقلۇقى، بوياق سۈپىتى، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى چاچنى ئاسراشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىشلىتىش توغرا، مۇۋاپىق بولسا چاچنىڭ زەخىملىنىشى ئازىيىدۇ. 3) توك قۇرۇتقۇچ زىيادە كۆپ ئىشلىتىلسە، چاچ ئىلىكى، پوسلاق ماددىسى زەخىملىنىپ، چاچ قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىپ ۋە ئىنچىكىلەپ ئاخىرىدا چۈشۈپ كېتىدۇ. 4) چاچنىڭ زەخىملىنىشىگە تاغاقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىمۇ سەۋەب بولىدۇ. نىلون تاغاقتىن كۈچلۈك زەرەت چىقىدۇ، زەرەت چاچ يىلتىزىغا ئۆتۈپ، تۈك تۆشۈكى بىلەن تۈك يىلتىزى ئوتتۇرىسىدا يەلتاشما پەيدا قىلىپ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، شۇڭا ياخشىسى، مۈڭگۈز ياكى ياغاچ تاغاق ئىشلىتىش كېرەك. 5) چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىمۇ چاچنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نېفىت تەركىبلىك چاچ سوپۇنى ۋە چاچ ئاسراش مەلھەملىرى باش تېرىسىنىڭ ياغ قاتلىمىنى زەخىملەندۈرۈپ، باشتا كېپەك پەيدا قىلىدۇ، باش تېرىسىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

         10. ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش. كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئەرلەرنىڭ چېچى شۇنچە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەرلەر كومپيۇتېردا ئۇزاق ۋاقىت مەشغۇلات قىلسا ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى جىددىيلىشىپ، ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى قالايمىقانلىشىدۇ، قان تومۇرلار قىسقىراپ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قان تومۇرلىرىغا قان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ – دە، چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ..11 بېسىم ئېغىر بولۇش. تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولسىمۇ چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ