قەدىمكى تېبابەتتە "بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش" تىكى "بۆرەك" پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سىستېمىنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى . "بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى" مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سىستېمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سىستېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .
2. مېڭە ئاجىزلىشىش ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش .
بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:
1. كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش .
2. كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ - ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
1. ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .
2.ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسلىق ، ياشاش نىشانى بولماسلىق
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
1. جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش .
1. ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مېنى(ئىسپېرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپېرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپېرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .
2. ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمىقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسلىق .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سىستېمىسىدىكى ئالامەتلىرى:
1. كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .
2. بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:
1. بالدۇر ئاجىزلىشىش.
2. ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .
3. چىرايى سولغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .