سوئال: مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئالتە ئاي بولدى، ئىككى بالاممۇ بار. مېنىڭدە مۇنداق مەسىلە بار: مەندە ئېرىمگە نىسبەتەن جىنسىي تەلەپ يوق. مەن جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈشنى ناھايىتى ئاز خالاپلا قالماستىن، پەقەت ھەيز كېلىش ئالدىدىكى كۈنىلا جىنسىي تەلەپ قويغۇم كېلىدۇ، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇمارىم بېسىلىپ قالىدۇ. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىزدە مەسىلە چىقىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ تەشنا.
دوختۇر: ناھايىتى روشەنكى، سىزدە جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بولسۇن، يامان تۇيغۇ بار ئىكەن، شۇڭلاشقا سىزدە جىنسىي تەلەپ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. سىزدە ھەيز كېلىش ئالدىدا جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت سىزدىكى مەسىلىنى تەن ئامىلىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سىزدىكى بۇ ئەھۋال، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدە خېلى بۇرۇنلا، خاتا يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزدىن بولغان، سىز جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش، ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىك روھى ھالىتىڭىز بىلەن ھەمىشە ئەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۇنىڭدىن زېرىكىش روھى ھالىتىڭىزنى يېپىپ كېلىۋېتىپىسىز. جىنسىي تۇرمۇشتىن باشقا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكى باشقا ئامىللارنىمۇ تەڭشەشكە توغرا كېلىدىكەن. سىز خەيرخاھلىقى بار بىر پسىخولوگىيە خادىمىنى تېپىپ، سۆزلىشىپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭ سىز ئېيتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، جىنسىي تۇرمۇشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇد بولسا، دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىڭ.
مەزكۇر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تېببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)