سوئال: مەن 28 ياشقا كىردىم. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم نېمە ئۈچۈن بەزى ئەتىرلەرنىڭ پۇرىقى مېنىڭدە كۈچلۈك جىنسىي ھەۋەس قوزغايدۇ؟
دوختۇر: تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا، بەزى ئاجراتما بەزلىرى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار خۇش بۇي ھاۋا ياكى باشقىچە پۇراق تارقىتىش ئارقىلىق، باشقا جىنسنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ كېپىنەك، پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشاراتلار خۇددى شۇنداق، ئەر-ئاياللارنىڭ بەدىنىدىمۇ جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان تەبىئىي پۇراق بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇراش سېزىمى تۆۋەن بولىدۇ ۋە پۇراقنى پەرق ئېتەلمەيدۇ ھەم ھېچقانداق ئىنكاسمۇ بىلدۈرمەيدۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك پۇراقلىق، مەسىلەن، ئەتىر قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرىدىن باشقىلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ.
چۈنكى نۇرغۇن ئەتىرلەرنىڭ خام ماتېرىيال مەنبەسى ھايۋانلاردىن كېلىدۇ، بەزى بۇيۇملار ھايۋانلارنىڭ جىنسىي پۇراقلىق ئاجراتما بەزلىرىدىن ئېلىنىدۇ. بۇنى چۈشىنىش ئانچە تەس ئەمەس. نېمە ئۈچۈن پۇراق سېزىمى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق پۇراقلارنى پۇرىغان ھامان جىنسىي تەلىپى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
بۇ مەسىلىنى پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قاراپ، ھازىرغىچە تولۇق، ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگىنى يوق. ئېھتىمال بۇ، كۈچلۈك بۇراقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، جىنسىي جەرياندا ئەكس ئەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك. جىنسىي ئىقتىدار بىلەن بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ھازىرمۇ بىلىدىغانلىرىمىز بەك ئاز، پۈتكۈل مەسىلە يەنىلا داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
مەزكۇر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تېببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)