نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسەللىكى بارغانسېرى پۈتكۈل جەمىئىيەت ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جانغا زامىن ۋە يۇقۇچانلىقىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىردەك ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە مۇپتىلا بولماقتا.
يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش نۇرغۇنلىغان مېدىيىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەۋەرلەردىن كۆرە، ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى << ئەيدىز كېسەللىكى كۈنى >> يېتىپ كەلگەن پەيىتتە، بۇندىن 5 يىل بۇرۇن زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشكە ئۆگىنىپ قېلىپ، بەختىگە قارشى ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بىر ياش ئايال يىگىتى بىلەن بېيجىڭدا توي قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تالىق پەرزەنتلىكمۇ بولغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببىتىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا : << بۇ خىل نىكاھلىنىش قانۇنغا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟! ئانا ۋە بالا ئوتتۇرىسىدا ئەيدىز كېسەللىكى يۇقامدىغاندۇ؟! ئەگەر يۇقسا، بۇ ئۆز پەرزەتىگە ئەيدىز كېسەللىكىنى قەستەن يۇقتۇرغانلىق بولماسمۇ؟!...>>
دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھلىنىش قانۇنىدا << پەقەت < تېببىي نۇقتدىن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ> دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەرلا نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. ئەيدىز كېسەللىكىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن نىكاھلىنىشنى چەكلىگەن كېسەللىك تۈرىگە كىرمەيدۇ >> دەپ ئېنىق بېكىتىكەن. سەھىيە مىنىسترلىقى 2002 - يىلى بېسىپ تارقاتقان << نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى ئۆلچىمى ( تۈزۈتىلگەن نۇسىخسى) >> دا ، نىكاھلىنىشىتن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە، ئەگەر ئۆمۈربويى يۇقۇش خاراكتېرىگە ئىگە، كېسەللىك تېخى قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرمىگەن كېسەللىك مەنبەسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بايقالسا، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش تېببىيلىك پىكىرنى چىقارغا چاغدا، تەكشۈرۈلگۈچىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالىنىش ۋە باشقا تېببىيلىك تەدىبر قوللىنىش تەكلىبىنى بېرىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈلگۈچى نىكاھلىنىشتا چىڭ تۇرسا، تەكشۈرۈلگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك. دەپ بەلگىلەپ، تېببىيلىك تەدىبر قوللىنىش تەكلىبنى بىېرىش ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئەمدى مۇمكىن بولسا بارلىق سۆھبەتداشلار بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىپ باقساق، بۇ مۇنازىرىمىزمۇ ئەيدىز كېسەلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر نەمۇنىسى بولۇپ قالار! ئايرىم كىشىلەرگە بىر چىقىش يولى تېپىلىپ قالار...
ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ نىكاھلىنىشى ۋە پەرزەنتلىك بولۇش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟!! ئەگەر سىز شۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟! ئەگەر شۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى قېرىندىشىڭىز، دوست - بۇرادەر، مەھەللىدىشىڭىز بولسا قانداق تەكلىپ بېرىسىز؟!!..