1.ئەيدىز كېسىلى بولسا نۆۋەتتە ئۈنۈملۈك داۋالاش تەدبىرى بولمىغان، لېكىن پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل.
2.ئەيدىز كېسىلى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ: جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ، قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
3.ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن پاك بولۇپ ئۆزىنى قەدىرلەش، ھەمدە گاندوننى ( بىخەتەرلىك قاپچۇقى ) توغرا ئىشلىتىش كېرەك. گاندون ئىشلەتكەندە ھامىلدارلىقتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىزگە ئوخشاش جىنسى كېسەلنىڭ يۇقۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4.ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك، بولۇپمۇ شپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شپىرىسنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
5.ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يەنە بىر تەدبىر بولسا دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋاب بىلەن چىش تارتماسلىق ۋە يۇقۇملانغان قاننىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق بەدەن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان مەشغۇلاتلارنى قىلماسلىق كېرەك. بىخەتەر بولمىغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
6.ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولمىسا ۋە بالىنى ئىمىتمىسە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانا ئارقىلىق بالىغا يۇقۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
7.ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ئايلانغىچە بولغان ئارىلىقتا، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق ھالدا بىر نەچچە يىلغىچە نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. سىرتىدىن قارىماققا ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسىنى ( HIV ) باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ.
8.ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى بىلەن نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئۇچرىشىشلاردا ئەيدىز كېسىلى يۇقمايدۇ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
9.ئايدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك كېرەك، ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن كۆيۈنۈش ۋە ياردەم قىلىشنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا پايدىسى پار.
10.ئەيدىز كېسىلى ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئائىلىگە تەھدىت سالماقتا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى !