پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان تارقىلىش يوللىرى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  •  
    ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-03-27 ئاۋاتلىقى:8490
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


          ئەيدىز كېسىلى يەنە (aids)دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كېسەللىكنى ئنسانلارنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىت كەملىك ۋىرۇسى(HIV)كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەردە قوزغىلىدۇ.بولۇپمۇ 20–49ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن دەۋرى 1–5يىل،قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 29ئاي ،ئۆسمۈرلەرنىڭ 12ئاي بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىماردا ھۈجەيرە ئىممۇنىت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇپ ،ئورگانىزىم سىرتقى مۇھىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ،ئوڭايلا شەرتلىك يۇقۇملىنىش (كارېن ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى،HIVھۈجەيرە توقۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قوزغىغان مەركىزى نېرۋا كېسەل ئالامىتى) ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(كاپورس ساركومىسى،Burkittلىمفا ئۆسمۈسى،خودگكىنىس لىمفا تۈگۈن ئۆسمۈسى)قاتارلىقلارنى قوزغىتىپ،ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى: ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكەنلىكتىن ۋە يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ:قان ئارقىلىق يۇقىدۇ؛قان بېرىش ۋە باشقا قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ؛ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ياكى ۋېنادىن دورا ئىشلىتىشتىن خۇمار بولۇپ قالغانلار بۇلغانغان ئىشپىرىس ئىشلىتىشتىن؛ھامىلە ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە يۇقۇملىنىش ؛ئەيدىز كېسىلى بار ئاياللار ،تۇغۇتتىن بۇرۇن،تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ؛يۇقۇرقى يولدىن باشقا ۋېروسنىڭ ھاۋا،ھاشارەت،سۇ،يىمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى تېخى ئسپاتلانمىدى.شۆلگەيدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئىھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.

       ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى: سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جاھىل خاراكتېرلىك كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان غاز بوغۇزسىمان ئاق داغ،تىل قوۋۇز يۇتقۇنچاققا ھەتتا پۈتۈن ئېغىز بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ؛قايتىلانما ئاددى قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇقى ۋە پۈتۈن ئېغىز بوشلىقى ۋە يۇتقۇنچاققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛جىنسى ئەزالارنىڭ تېرىسى قاپارتچۇقلاش دائىم قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ كۆپ قوزغىلىدۇ؛ بەزىدە توختاپ بەزىدە داۋاملىشىدۇ؛ئېغىز بوشلىقىدىكى تۈكسىمان ئاق داغ ئاساسلىقى تىل گىرۋىكى ۋە تىل قورسىقىدا پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە ئىككى تەرەپتە تەڭ كۆرىلىدۇ، سىرتقى كۆرۈلۈشى تۈككە ئوخشايدۇ،سىرتقى يۈزىدە قورۇق بولۇپ يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ئادەتتە ئۆزى ھىس قىلىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ.چىش مىلىكى ئىششىپ قاناپ ئاغرىيدۇ،دائىم ئۆتكۈر نېكروزلىنىشچان يارىلىق چىش مىلىك ياللۇغى ياكى چىش مىلىكى ئېغىز ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ ؛ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېڭەك نېرۋىسى تارقالغان ئورۇندا ،ئۇشتۇمتۇن ئۇيۇشۇش پەيدا بولىدۇ،سەۋەپسىزلا پۈتۈن ئېغىزدىكى چىش ئاغرىيدۇ. قوۋۇزنىڭ سېزىمى نورمالسىزلىنىدۇ، ئېغىز بوشلىقى قاسراقسىمان ھۈجەيرە راكى پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە ،قان زەرداۋى HIVئانتىتېلاسى مۇسبەت چىقىدۇ،T4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى0.4*10نىڭ9دەرجىسىدىن تۆۋەن بولىدۇ.T4/T8نىسبىتى تەتۈر بولىدۇ .(نورمال كىشىلەرنىڭ نىسبىتى1.75~2.1 بولىدۇ،ئەمما بىمارنىڭ 1.0دىن تۆۋەن بولىدۇ). ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئانچە تەس ئەمەس. 56HIV گرادوسلۇق مۇھىتتا 30مىنۇتتا ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيىلەش دورىلىرى مەسىلەن ،75%لۇق ئىسپرت%25لىك يود تىنىكتورىسىHIV نى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما بۇ ۋېروس سوغۇققا چىداملىق بولۇپ ،0دىن تۆۋەن 75گرادوستا مۇز توڭلىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا 3ئاي ياشىيالايدۇ.ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۆلتۈرۈشمۇ ناھايىتى تەس.شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر نۆۋەتتە،بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئېغىز بوشلىقى بۆلىمىدە ئالاھىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى يوق،شۇڭا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

       كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا جىنسى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەتنى ،زەھەر چېكىشنى قاتتىق چەكلەش.قان بەرگۈچى ۋە قان ياسالمىلىرىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تاللاش؛خەتەرلىك ئادەملەر توپىنى كۈزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛بىر قىسىم ئىشلىتىلىدىتغان ئېغىز بوشلىقى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاكتىپ كېڭەيتىش؛تازىلىق شارائىتى ياخشى بولغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش؛ئېغىز بوشلىقىدا يۇقارقى ئالامەتلەردىن مەلۇم بىرى بايقالغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ،داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپلارنى ،ئۈستەل ،ئورۇندۇق،يوتقان –كۆرپە،تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم خىلورلۇق ھاكتا دىزىنفىكسىيىلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى،لۆڭگە،يۇز دېسى قاتارلىقلارنى چوقۇم% 70لىك ئىسپىرتتا 10مىنۇت دىزىنفىكسىيىلەش ، ئاشكارا بۇلغانغان تەرەت قاچىسى، كۇسەرلەرنى پەلەي كىيىپ يۇيۇپ، دىزىنفىكسىيىلەش كېرەك .دوختۇرخانىدىكى تىببى خادىملار ئىزۇلياتسىيە كىيىمى، پەلەي ،ماسكا ،كۆزنى ئاسراش ئەينىكى تاقىشى ،ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپ ۋە قانغا ئاجراتما ماددىلارغا ،كېرەكسىز چىقىرىندىلارغا ،ۋە تىنىق ماتىرىياللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قىلىپ ،ئامال بار خالتىغا تېز ،پۇختا قاچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم ،تىببى خادىملار داۋالاش

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 
    مەشغۇلاتىدىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلىشى،قولىدا يارا بولسا ياكى قولى سۈرۈلۈپ زەخمىلەنسە ، دەرھال قولىنى دىزىنفىكسىيىلەپ تېڭىۋېلىشى ،بىمارغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.ئېغىز بوشلىقى بۆلۈمىدىكى ۋە كېسەلخانىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇق،ۋىكلىيۇچاتىللارنى تاشلىۋەتسە بولىدىغان يوپۇقلار بىلەن ئوراپ،يەرنى چوقۇم %0.2لىك خىلورلۇق ھاك بىلەن سۈرتۈش كېرەك. 

     

     مۇتەللىپ ياقۇپ

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ