پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان تارقىلىش يوللىرى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  •  
    نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟
    يوللىغان ۋاقىت:2009-03-03 ئاۋاتلىقى:5563
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


          سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمدەكى 15~24 ياش ئارىسىدىكى ياشلار بولۇپ ، 12~19 ياش دائىرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسىرى ئۆرلىمەكتە . بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدۇ .
     
           پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 6000غا يېقىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئايال،قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدۇ . شۇڭا ياش قىزلارغا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە  گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ، قانات يايدۇرۇش بەكلا مۇھىم .     

                              نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ؟

          1)  ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېتقاندا ، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ . يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . 

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

          2)ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى . ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغۇسۇن ، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن . مەسىلەن بالىياتقۇ زەخىمگە ئۇچراش ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى ، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . يەنە كېلىپ ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك ، بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .

           3)ياش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ، جەمىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا بۇخىل  ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ .

         4) ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ . شۇڭلاشقا يىگىتلەر جىنسىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا ، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .

            شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى ، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم .

     

                   قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟ 

                   1.تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش .

           تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلدار بولۇش ، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى . تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇنسىۋەت بىرخىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت ، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توي دىن ئىبارەت بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ .

                 2.جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق .

           ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئېدىيىسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇ خىل چاكىنا ئىدىيىلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . جىنسىي ئەركىنلىك بۇ تىپىك مىسالى . جىنسىي ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز .

     
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ