ھازىرغا قەدەر يۇقۇملانغۇچى تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەلتۈكۈس ئۆلتۈرىۋېتەلەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا تېپىلمىدى. شۇڭلاشقا داۋالاش دىگەندە بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى ئازايتىپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاپ تۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى(سالامەتلىكى) ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، كېسەللىك قوزغىلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنى كېچىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان داۋالاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ داۋالاش ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، راكقا قارشى داۋالاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەپ داۋالاش ۋە ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.
1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش
يەنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىشتىن بۇرۇن ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە خىل دورىنى(ئادەتتە 3 خىل) بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى.
2. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش
ھەر خىل يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش ۋە كېسەللىك يۈز بەرگەندە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىش، بۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
بەزىلەر پۇرسەتلىك يۇقۇملىنشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىدۇ.بۇنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بار.
بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنشنىڭ خەتىرىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بىراق دورا ئىچىش ئارقىلىق بارلىق پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاشنىڭ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا نىسبەتەن رولى ئىنتايىن چوڭ.شۇڭا يۇقۇملانغۇچى پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملانسا داۋالىنىپ ساقايغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىرەيلەن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەل قوزغىلىپ يېتىپ قالسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك. مەسىلەن ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تۇبېركۇليۇزنى داۋالاش ھازىر ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.( بۇ توغىرسىدىكى مەزمۇنلار كېيىنكى باپتا ئايرىم سۆزلىنىدۇ)
2. راكقا قارشى داۋالاش
يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە، مەسىلەن كاپوسى گۆش ئۆسمىسىگە قارىتا غەرپ ۋە جوڭيى تىبابىتىدىن پايدىلىنىپ كېلىنىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن长春新碱或长春)(花碱、博来霉素、阿霉素قاتارلىق دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەپ داۋالاش
كۆپ خىل ئىممۇنىتېت تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جوڭيى ۋە غەرب تىبابىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنۋېرسال داۋالاش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. روھىي جەھەتتىن داۋالاش
يۇقۇملانغۇچى ھاياتقا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولسا، بۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى غېرىبسىنسا ياكى چۈشكۈنلەشسە، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتۋېتىدۇ. ئەتراپىدىكى دوسىتلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ئۇلارغا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم. بەزىدە يۇقۇملانغۇچى بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ئەڭ ياخشىسى چۈشكۈنلۈك بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن دوختۇرغا كۆرسىتىپ ، مۇۋاپىق مەسلىھەت ياكى داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.
5. ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش
يۇقۇملانغۇچىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ قېلىشىدا ئۇزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بەكمۇ مۇھىم. مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك، ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار، يەنى ئاقسىل، كاربونھىدىرتلار، ۋېتامىن ۋەمېنىرال ماددىلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ياكى كېسەللىك سەۋەبلىك نورمال ئۇزۇقلىنىشى ئەپسىز بولغانلار ئۇزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ماددىلار( دورىلار) ۋە ۋېتامىن تابلېتكىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە نورمال دەم ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە چېنىقىشمۇ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ.