پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  • دورا ئىچىشتىكى تەدبىرلەر!!!(مۇھىم)
  • ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  •  
    مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:3674
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


         مۇسۇلمانچىلىق ھەققىدە كۆپ سۆزلەشكە يۈزۈم قىزىرىپ ، تىلىمىز كېكەچلىسىمۇ ئاخىرى بۇ تېمىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلدۇق . ئازغانلىرىمىزنى ئۇلۇغ ئىگەم مەغفىرەت قىلغاي ، دىللىرىمىزنى ھىدايەت قىلىپ، يوللىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ بەرگەي ! دىن بارىسىدا چوڭ گەپ قىلىشقا ھەققىمىز يوقىلىقى تۈپەيلى ، تېمىمىزنى قىسقا - قىسقا سۇئال - جاۋاب شەكلىدە راۋاجلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. تورداشلار مۇۋاپىق كۆرسە مۇھاكىمىمىزگە ئېسىل ئىنكاس ، جاۋابلىرى بىلەن جۆر بولغاي ...

    ئەيدىز مۇسۇلمانلار جامەسىگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ يوق ؟

    دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت ھازىر ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. جۈملىدىن ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان دۆلەتلەردە ياكى جۇڭگوغا ئوخشاش غەيرىي ئىسلامىي دۆلەتلەردا ياشاۋاتقان كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىمۇ ئەيدىزنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. گەرچە ئاز ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرى بىز ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدۇق ، دەپ جار سېلىشقان بولسىمۇ ھەممىسى قۇرۇق پوپاڭدىن باشقا گەپ ئەمەس. (The United Nations Joint Programme on AIDS (UNAIDS ب د ت نىڭ 2003 - يىلىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك پىرۇگىراممىسىدا ، پۈتۇن يەرشارى بويىچە 29.4 مىليۇن ئادەمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى، شىمالىي ئافىرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوتتۇرا شەرىق قاتارلىق رايونلاردا 300 مىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭغا جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقۇملانغانلىق سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلمىگەن. بۇلارنى قوشقاندا سان قانچە بولىدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئارىدىن 4 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ سان قانچىلىك زورايدى ؟ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەيدىز بىز مۇسۇلمانلاردىن خىيال قىلغىنىمىزدەك ئۇنچە بەك يىراقتا ئەمەس ، ئۇ گوياكى قارا بۇلۇت كەبىي بارغانسىرى بىزگە قاراپ قىستاپ كەلمەكتە !  

     تور ئۇيۇنلىرى 

    مۇسۇلمانلار ئەيدىز ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى ھەققىدىكى تەلىم - تەربىيىگە مۇھتاجمۇ يوق ؟

    ئىسلام دىنى ھاياتلىققا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ئۇنى ئەڭ قىممەتلىك دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئۇنى قەدىرلەش، ئۇنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەربىر ئۆزىنى مۇسۇلمانمەن دېگۈچى كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى . ساغلام تەن ئاللاھىنىڭ بىزگە قىلغان چەكسىز رەھمىتى ، بىزنىڭ ئۇنى ئاسرىماسلىققا ، ئۇنى قوغدىماسلىققا ھېچ ھەققىمىز يوقتۇر. ئۇلۇغ كالام قۇرئانى كەرىمدىمۇ ساقلىق ھەققىدە نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان، پەيغەمبرىمىز مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەممۇ ئۆز ئۈممىتىنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن ئېسىل ھېكمەت ۋە گۈزەل سۈننەتلەرنى بىزگە مىراس قالدۇرغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ساقلىقنى ئاسراش، كېسەل بولسا سەۋەب قىلىش بىر مۇسۇلماننىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى.
    نۆۋەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا قاراپ يۈزلىنىشى ئېتراپ قىلمىساق بولمايدىغان ئاچچىق رېئاللىق بولۇپ قالدى. ئەيدىز ھەردەمدە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە خىرىس قىلىپ تۇرۇپتۇ. ھەممىدىن دەھشەتلىكى شۇكى، كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئەيدىزنىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ قايسى بىلەن قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيدىزدىن ئورۇنسىز يۇقۇملىنىپ ، نابۇت بولۇپ كېتىپ بارماقتا . شۇنداقكەن، مېنىڭچە مۇسۇلمانلارمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئەيدىز ھەققىدىكى تەلىم - تەربىيىگە ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى بىلىملەرگە مۇھتاج .

    مۇسۇلمانلار ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قاباھەت ئالدىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ؟

    مېنىڭچە، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشىقا تېگىشلىك بولغان ئىشلاردىن ئۆز ئىمان - ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ، زەھەرلىك - چېكىملىك ۋە زىنادىن يىراق بولۇشتىنمۇ ياخشىراق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. ئەيدىز ھەققىدە ساۋاتلارغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش بەلكىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈشى مۇمكىن . شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى ، ئەيدىزگە قارشى كۆرەشتە بارچە ئىنسانلار بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئۈمىد قۇياشى دەپ قارىغان بولسا ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىد قوياشى يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېسىل ئېتىقادىدا !

    مۇسۇلمانلار ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك ؟

    كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ، دىنداشلىرىمىز ئاللىقاچان ئەيدىز ئاتلىق يالماۋۇزنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ مەزگىلسىز ھاياتىدىن خوشلاشماقتا ، نۇرغۇنلىغان قىز - يىگىتلىرىمىز ئەيدىز تەرىپىدىن نابۇد قىلىۋېتىلمەكتە. بىگۇناھ پاك بالىلىرىمىز ئەيدىز تۈپەيلى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتىتىرىپ تاشلانماقتا . سىزنىڭچە مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇسۇلمان بولغان كىشى ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەكتۇ ؟! ..
    ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بىر قىسىمى يۇقىرىقىدە دىنىي - ئېتىقادىمىز، ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزگە خىلاپ قىلىمىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، بىر قىسىمى تاساددىبىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان. ئالدىنقىلارنى گۇناھكار دەپ ئەيىپلىسەكمۇ ، كېيىنكىلەرنى ئۇنداق دېيەلمەيمىز. قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ گۇناھىغا پەتىۋا پىچىش ھوقۇقى بىزدە ئەمەس ، ئۇلۇغ كەرەملىك ئىگىمىز خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىسا كەچۈرمەيدۇ . ياكى مۇشۇ دۇنيادا ئازابلاش ئارقىلىق بۇلغانغان بەندىلىرىنى پاكلايدۇ . شۇڭا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان قېرىنداشلىرىمىز ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەس ، دېيشىپ ئۇلارنى كۇپىرى قاتارىغا چىقىرۋەتمەسلىكىمىز لازىم . كىمنىڭ مۇسۇلمان كىمنىڭ ھەقىقىي كاپىر ئىكەنلىكىنى تەڭرى ئەڭ بىلگۈچىدۇر ! بىزنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ئارىلىشىش ياكى ئاقساقاللىق قىلىش ھوقۇقىمىز ۋە ھەددىمىز يوق !
    ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مۇسۇلمانلار جامەسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى . شۇڭا، ئۇلار جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلەنمەستىن ، جەمئىيەت تەرىپىدىن باغاشلىنىشى لازىم. ئۇلارنى گۇناھكارلىقتا ئەيىپلەشنى ئىگىسىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا چىن دىل بىلەن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
    ئىسلام مېھىرى - مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشكە تولغان بۈيۈك دىن . مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساق بولۇش مۇسۇلماننىڭ ئېسىل پەزىلىتىدۇر.
    ئەيدىز بىمارلىرى ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلار بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە، مۇھەببىتىمىزگە ، سەمىمىي ياردەم بېرىشىمىزگە مۇھتاج . ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقان كىشىگە ياردەم بەرمەسلىك قانداقمۇ ئىسلامدىن بولسۇن ؟ بۇ قانداقمۇ بىز لاياقەتلىك مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسۇن ؟! ...

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ