پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  • دورا ئىچىشتىكى تەدبىرلەر!!!(مۇھىم)
  • ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  •  
    دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-15 ئاۋاتلىقى:2306
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    ئەيدىز بىمارى دېيىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.

    1.     ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا؛

    2.     تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرنىڭ سانى( ھەر مىكرولېتىردا) 200دىن تۆۋەن بولسا ياكى 200دىن يۇقىرى 500دىن تۆۋەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەشمە كېسەللىكلەر، يۇقۇملىنىشلار ياكى ئۆسمە كۆرۈلسە

    3.     ياكى تۆۋەندىكى ئالامەتلەرنىڭ ئاز دىگەندە بىرسى كۆرۈلسە

    ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى سەۋەبسىز تۆۋەنلەپ كەتسە؛

    قانۇنىيەتسىز (تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا)قىزىش بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشسا،

    بەدەندىكى لىمفا بەزلەر ئىششىسا( بويۇن، قولتۇقتىكى بەزلەر)

    دائىم ئىچى سۈرسە( كۈندە 4-5 قېتىم) ۋە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشسا؛

    3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى 10پىرسەنت ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتسە؛

    باشقا تىپىك يۇقۇملىنىشلار كۆرۈلسە.
    ساغلام ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى( ھەر مىكرولېتىردا)500دىن 1300 گىچە بولىدۇ. دىمەك مۇشۇ دائىرىدە بولسا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تېخى پۈتۈنلەي نورمال دىگەن گەپ.

    ھازىر ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ھەم ساۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش. بۇ خىل داۋالاشنى ئادەتتە بىمارغا تەرەققى قىلىشتىن ئىلگىرى باشلىسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئەيدىز بىمارىلىرىنى داۋالاشنىڭمۇ ئۈنۈمى يۇقىرى.  بۇ داۋالاش ئارقىلىق پەقەت يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوغداپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما ۋىرۇسنى بەدەن سىرتىغا تەلتۈكۈس چىقىرىۋېتەلمەيدۇ.

    ھازىر مەيلى خەلقئارادا بولسۇن ياكى مەملىكىتىمىزدا بولسۇن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلاشنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:1)يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلۈپ دىئاگىنوز قويۇلغان بولسا، 2)ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 300 ياكى 350تىن تۆۋەن بولسا ياكى卡式囊虫性肺炎(بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى(,  卡波氏肉瘤  (بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە )قاتارلىق تىپىك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلار كۆرۈلسە، ئاندىن داۋالاشنى باشلاشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

    دىمەك، دوستىڭىز ھازىر يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىكەن،  داۋالاشنى ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما پات-پات( 3 ئاي ياكى 6 ئايدا بىر قېتىم) بېرىپ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمەن.

    1) ھەر قانداق ئۇششا ق-چۈششەك كېسەللىك ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر ئۆزىنى كېسەللىكتىن ساقلاش مۇھىم ،ئىمكان بولسا جىگەر ياللۇغى، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئەملىۋالسۇن .بولۇپمۇ تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    2)ئۇزۇقلۇق يۇقۇملانغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئېنىرگىيىنىڭ خورىشى ساغلام ئادەمدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، قۇۋۋەتلىك يىيىش، ئىلمى ئۇسۇلدا يىيىش، ھەر خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر تولۇق ھەم تەكشى بولۇشى زۆرۈر، ۋېتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.يېمەكلىك ۋە سۇنىڭ تازىلقى ئىنتايىن مۇھىم. يامان تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن، مەسىلەن تاماكا، ھاراقتىن ئۆزىنى چەكلەش لازىم.

    3) چېنىقىش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. 有氧运动,无氧运动  لارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆزىگە ماس كەلگەننى ئىشلىسە بولىدۇ، مەسىلەن يۈگىرەش،بەدەننى يۇقىرىغا تارتىش، يەر بېغىرلاش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.تۇرمۇش رېتىملىق بولسۇن، دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت، ئەمگەكنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

    4)پىسخىك ساغلاملىق بەك مۇھىم. يۇقۇملانغۇچى تۇرمۇشقا ئۇمىدۋارلىق بىلەن قارىسا، بۇ ئۇنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا  پايدىسى بار. ئەگەر چۈشكۈنلەشسە ياكى تۇرمۇشتىن رايى يانسا، بۇ ئۇنىڭ كېسەل بولۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئۈمىدۋار بولۇپ، دوستلىرى بىلەن خوشال ئارلىشىپ ئۆتسە ئىممۇنىتېت كۈچى ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. دوستلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ياردىمى ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق. بەزىدە يۇقۇملانغۇچىلار بەك چۇشكۇنلىشىپ كېتىدۇ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇڭا ئۇلار داۋالاش ۋە مەسلىھەتلەرنى بالدۇرراق قوبۇل قىلغىنى ياخشى.

    ئەگەر سىز ئۇ دوستىڭىزغا ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز، باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ،ئاددىيسى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئويلىغانلىرىنى ۋە دەردىنى تۆكۈۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر ئاڭلىغۇچى بولۇپ بەرسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ياردەم قىلغان بولىسىز. ئۇنىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ، بىللە ئويناپ، بىللە تاماق يەپ بۇرۇنقىدەك نورمال دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى ساقلاپ قالسىڭىزمۇ،دوستىڭىزنىڭ ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.ئېسىڭىزدە بولسۇن، تۇرمۇشتىكى نورمال ئۇچىرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ