پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  • دورا ئىچىشتىكى تەدبىرلەر!!!(مۇھىم)
  • ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  •  
    ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-23 ئاۋاتلىقى:2330
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

    ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن باشلاپ ، كېسەللىك قوزغالغۇچە بىر تولۇق تەبىئي جەريان بار بولۇپ ،كىلىنىكىدا بۇ جەريان تۆت باسقۇچقا بۆلىنىدۇ : يەنى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى ، يوشۇرۇن دەۋرى، ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك دەۋرى ،تىپىك ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى .
    ھەر بىر ئەيدىز بىمارىدا يۇقىرىقى تۆت باسقۇچنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقىشى ناتايىن ، بىراق كلىنىكىدا ھەرقايسى ئوخشىمىغان كىسەللىك باسقۇچتىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بۇ تۆت باسقۇچنىڭ ئوخشىمىغان كلىنكىلىق ئىپادىسى بولسا، بىر تەدرىجىي ھەم ئۈزلۈكسىز بولغان كېسەللىك تەرەققىيات جەريانىدۇر.

    1. ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى

    كۆزنەك دەۋرىمۇ مۇشۇ باسقۇچنىڭ ئىچىدە بولىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئورگانىزملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزىبىر ئەكىس تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بىماردا قىزىش، تىرە تەمرەتكىسى<ئەسۋە> چىقىش ،لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش، ماغدۇرسىزلىنىش،تەرلەش ، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، كاناي ياللۇغى دىگەندەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
    بەزىلىرى ھەتتا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك باكتىريىسىز مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ ، باش ئاغرىش، نېرۋا خاراكتېرلىك ئالامەتلەر ۋە مىڭە پەردە ياللۇغ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . قاندا بولسا ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال ياكى لېمفا ھۈجەيرىلىرى ئازلاش، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .
    ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرىدە كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ ، ئاسان سەل قارىلىدۇ .
    ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ 2- 6 ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن ،قاندىكى ئەيدىز ئانتېتلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كلىنىكىدا ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان،نىسبى ساغلام بولغان ، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يوشۇرۇن دەۋرى باشلىنىدۇ.

    2.يوشۇرۇن دەۋرى

    يۇقۇملانغۇچىدا بەزىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ، ئەمما يوشۇرۇن مەزگىلى كېسەللىك تەرەققىياتى توختىغان مەزگىل ئەمەس ، بىخەتەر مەزگىلمۇ ئەمەس، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) داۋاملىق كۆپىيىدۇ ،كۈچلۈك بولغان بۇزغۇنچىلىق رولى بولىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلى ئەيزىز ۋىروسى  ( HIV )  بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ،ئەيدىز كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.
    ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرچە يوشۇرۇن مەزگىلى ھازىر چە 2-10 يىلغىچە دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاش ۋە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقاچوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ.

    3.ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك مەزگىلى

    بۇ دەۋر يوشۇرۇن دەۋردىن كېيىنكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈلگەندىن باشلاپ تاكى كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ تىپىك ئەيدىز كېسەللىكىگە يەتكۈچىلىك بولغان مەزگىلىنى
    كۆرسىتىدۇ . بۇ مەزگىلنىڭ يەنە نۇرغۇن ئاتىلىشى بار ، مەسىلەن : « ئەيدىز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى»،«لېمفا تۈگۈنى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى » ، «ئۈزلۈكسىز ئومۇميۈزلۈك لېمفا تۈگۈن كېسەللىكى»قاتارلىقلار.
    بۇ مەزگىلدە ،بىمار ئاللىقاچان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالاھىدىلىكىنى يەنى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكىنى، ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ . پەقەت كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولىدۇ خالاس .

    ئاساسلىق بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرى :

    ( 1 ) لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىپ يوغىناش.
    بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى،ئاساسلىقى بەدەننىڭ يۈزە ( تېيىز ) قىسىملىرىدىكى لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ. بەدەننىڭ باش بويۇن قىسمى ،قولتۇق ،قورساق يىرىق قىسمى ،بويۇننىڭ كەينى قۇلاق ئالدى - كەينى ،يوتا لېمفا تۈگۈنى ، ئېڭەك ئاستى لېمفا تۈگۈنى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇندا ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە ئورۇندا بولىدۇ. ئىششىغان لېمفا تۈگۈنىگە ئادەتتىكى داۋالاشلار كار قىلمايدۇ ، كۆپ ھاللاردا بۇ خىل ئىششىش يېرىم يىلدىن ئوشۇق داۋاملىشىدۇ . كلىنىكىدا تەخمىنەن%30 بىمار دا پەقەتلا بەدەن يۈزە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئالامىتىلا بولۇپ باشقا ھېچقانداق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەت بولمايدۇ .

    ( 2 ) پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى

    بىماردا كۆپ ھاللاردا ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ .
    تەخمىنەن %50 بىماردا چارچاش ، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە دەۋرىيلىك ھالدا تۆۋەن قىزىتىش بولۇپ ، نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ ، كېچىسى سوغۇق تەرلەش قېتىم سانى بىر ئاي ئىچىدە 5 قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ ، تەخمىنەن 1/3 قىسىم بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا % 10تىن يۇقىرى چۈشۈش بولىدۇ، بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى ئاددىي ھالدا قىزىشتىن كېلىپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ ،يېتەرلىك ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن تەمىنلىگەندىمۇ بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ . بەزى بىمارلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ ، خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. بەزىلىرىدە سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى
    تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن..

    ( 3 ) ھەرخىل يۇقۇملىنىشلار

    بىماردا دائىم ھەرخىل ئالاھىدە ياكى قايتا قوزغىلىدىغان ،ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ .
    قايتا -قايتا يۇقۇملىنىش كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ . تەخمىنەن يېرىم ساندىكى بىماردا بىرقەدەر ئېغىر بولغان پۇت تەمرەتكىسى بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپتە كۆرۈلۈپ ، قىسمەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرەرلىك بولمايدۇ . بىمارنىڭ قولتۇق ۋە پۇت يىرىق قىسمىدا دائىم ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ،چوڭ قاپارتمىلىق يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ . بىمارنىڭ مەقئەت ئەتراپى ، كۆپىيىش ئەزالىرى ، ئېغىرلىق كۆتىرىدىغان قايلىرى، ئېغىز شىللىق پەردىسىدە دائىم ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ۋە ئادەتتىكى سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ .ئېغىز -لەۋ ئەتراپى قاپارتمىسى ۋە كۆكرەك بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك كۆپ بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقى ئالىبانىس زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ .ئاساسلىق ئالامىتى
    ئېغىز شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش،قان تولۇش ،پىشلاقسىمان قاپلىما ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ.
    بۇندىن باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملىنىشلاردىن يەنە زەنجىرىسمان بولمىغان شارچە باكتىرىيىلىك كاناي ياللۇغى ، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى ۋە ئۈچەي يوللىرى پارازىت قۇرتلىرىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ بار .
    كۆپ ساندىكى بىمالارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ ، سۇيۇق ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بىللە كېلىدۇ. بۇ تۈز ئۈچەي ياللۇغى ۋە باشقاكۆپ خىل مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۈچەيگە بۇزغۇنچىلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ، بۇندىن باشقا يەنە ئېغىز بوشلىقىدا مويسىمان ئاق داغ كۆرىلىدۇ ، مويسىمان ئاق داغ بولسا ، ئەيدىز كېسەللىكىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    4. تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى

    بەزى ئالىملار بۇ باسقۇچنى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باسقۇچ دەپ ئاتىشىدۇ . يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋر ئۈچ ئاساسى ئالاھىدىلىككە ئىگە:
    ئېغىر بولغان ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكى ، ھەرخىل ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىمكانلىق يۇقۇملىنىش .
    ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش. ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي كاردىن
    چىقىش،بىماردا ھەرخىل ئېغىر تىپتىكى ئۇنۋېرسال كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش .

    ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دىئاگنوزنى بېكىتىشتە يالغۇز كېسەللىكنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرىگىلا قاراشقا بولمايدۇ ، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى <مۇسبەت> مۇ ئەمەس شۇنىڭغا قاراش كېرەك ، شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھامان، ۋاقتىدا شۇ يەردىكى سەھىيە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ  ئەيدىز  ( HIV ) ۋىرۇسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە تەكشۈرۈتىش كېرەك .ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرمەسلىك لازىم !!!
    www.39.net

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ