پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى تۆت يېڭى يۆنىلىش
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىز كېسىلىىنىڭ قۇرئاندىكى مەلۇماتى
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان تارقىلىش يوللىرى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  •  
    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىرىش ئىنتايىن زۆرۈر
    يوللىغان ۋاقىت:2009-09-30 ئاۋاتلىقى:4377
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

         مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى : 1995 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيان، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. 2009 – يىلى 6 –  ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 25 مىڭ 731 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ئاغرىقى 3083 بولۇپ، ئۆلگەنلەر 2152 گە يەتتى. ھازىر شىنجاڭدا مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ئاغرىقى سانى مەملىكەت بويىچە 4 –  ئورۇندا تۇرىدۇ، جەمئىيەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۈننەندىن قالسىلا مەملىكەت بويىچە 2 –  ئورۇندا تۇرىدۇ.     

         دۆلەت ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالاش سېلىنمىسىنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى تەشكىلىي كاپالەت ۋە سىياسىي مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە خېلى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكى، جامائەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېڭىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى ۋە كۈندىلىك پائالىيىتىنىڭ بىر قەدەر يوشۇرۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتە نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانۇنلۇق، قائىدىلىك باشقۇرۇش ئىزىغا چۈشۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.

        22 –  سېنتەبىر ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى (لايىھە)›› قاراپ چىقىلدى. ‹‹نىزام (لايىھە)››دا مەشغۇلات جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش تورى قۇرۇلۇشى ۋە داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش خىزمەت تۈزۈمى؛ تۈرمىدە باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش؛ نىكاھ تىزىملاتقۇچىلارنى تويدىن ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈش، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىز كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈش؛ مېھمانخانا، مۇنچىخانا، پەردەزخانا، ساتىراشخانا، بەزمىخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرىدا خېرىدارلار ئۈچۈن بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر يىلى قەرەللىك تەكشۈرۈش ھەم ئەيدىزنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر تۈرى قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى كېسەل مۇداپىئە – كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرى ئۇلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق پاكىتىدىن جورىلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا ئىنچىكە ھەم كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

         ‹‹نىزام (لايىھە)››دا يەنە مۇناسىۋەتلىك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش راسخوتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇش، داۋالاش تەدبىرلىرى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دورىلارنى زاپاس ساقلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى، نەپىقە پۇلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى توغرىسىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇلار شۈبھىسىزكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ