پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز گىرىپتارلىرىنىڭ ۋەھشى پىلانى
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى
  • نىمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن تىز يۇقۇملىندۇ ؟
  • ئامرېكىلىق دوختۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىدى
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بو ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100% بىخەتەرمۇ؟
  • قانداق قىلغاندا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ جىنسى ھەركەت ئارقىلى ...
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ تۆت باسقۇچى
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار ؟
  • مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز
  • جىنسى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە نىمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋېروسى تار ...
  • نېمە ئۈچۈن قىزلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇمل ...
  • ئەيدىز ۋە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  • ئەيدىز قاچان ، قەيەردىن تارقالغان ؟
  • ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نىزام چىقىر ...
  • ئەيدىزنى داۋالاش
  • ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال ئۆل ...
  • ئەيدىز كىسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ نىكاھلى ...
  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ ؟
  • ئەيدىز كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان 12تۈرلۈك پىرىنسى ...
  • ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ 4 باسقۇچى
  • دوستۇم ئەيدىز بولۇپ قالسا
  • ئەيدىز ھەققىدە 10 تۈرلۈك ئاساسىي ساۋات
  • ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىد ...
  • دورا ئىچىشتىكى تەدبىرلەر!!!(مۇھىم)
  • ئەيدىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
  •  
    ئەيدىز (HIV) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىلىشىدىكى 4 سەۋەب
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-26 ئاۋاتلىقى:2302
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

            مەزكۇر يازمىمىز ئارقىلىق بىز بۈگۈنكى كۈندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىز ( HIV ) نىڭ تارقىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزنى بايان ئەيلەپ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمىز.
         ئەيدىز ( HIV ) نىڭ زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تارقىلىشىدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن:

    1. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن تېز بولۇشى ، مەدەنىيەتلەر ئارا ئۆتۈشۈشنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن تېز ۋە كەڭ دائىرلىك  بولۇشى، ئەمما ، مەدەنىيەتنى ھەزىم قىلىدىغان ئوبېيكتىپ ئاشقازان  ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى نەتىجىسىدە ، زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قارىشى، ئېتىقاد - ئەخلاق قاراشلىرىدا ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ئۇلاردا بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان مەنىۋىي تۇراقسىزلىق ھالىتى پەيدا بولغان بولۇشى، شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردىكى ئېتىقاد - ئەخلاق چۈشەنچىلىرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇئەييەن خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قىلىمىشىنى تەرتىپلەش ۋە مۇپەتتىشلەش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان ياكى يوقىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىلاردا زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش، مەزگىلسىز مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇش، نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت پاتقىقىغا پېتىشقا ئوخشاش ئەسلىدىكى ئېتىقاد - ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا يات بولغان قىلىمىشلار سادىر بولغان . ھالبۇكى بۇ خىل قىلمىشلار دەل ئەيدىز ( HIV ) نىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن كەڭ مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىن ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ( HIV ) ئاتلىق بۇ كۆرۈمسىز ياۋا دەرەخ بىخ سۈرۈپ كۆكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مۆلچەرىمچە، بۇ بەلكىم يەنىمۇ باراقسانلاپ كۆكلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ۋاقتىدا ئۇنىڭ يىلىتىزىدىن كەسلەش لازىم ئىدى.

    2. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىمىزدە يېتەرسىزلىك ۋە يوچۇقلار يەنىلا مەۋجۇد. تۈزەش ئۈچۈن قىلغان ئورۇنۇشلىرىمىز گاھىدا بىز كۈتمىگەن ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئالايلۇق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسىيەت ھەققدىكى ساۋادى يېتەرسىز ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نۇرمال بولغان جىنسىيەت يولىغا يېتەكلىگىلى ، ئاخىرىدا ئەيدىز ( HIV )نىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن ئاساسىي كۆز قاراشنىڭ تۈرۈتكىسىدە مەكتەپلەردە تۇشمۇ - تۇشتىن جىنسىيەتكە ئائىت دەرسلەر تەسسىس قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەربىيىۋىي پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. دەرۋەقە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىنسىيەتكە بولغان چۈشەنچىلىرى تىك سىزىق شەكلىدە ئاشتى. ئەمما نەتىجە نېمە بولدى ؟ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ناتوغرا جىنسىي قىلمىشلار ئازايماقتا يوق، ھە دېگەندە كۆپىيىپ، ئومۇمىيلىققا ، ھەيرانلىقىمىزنىڭ قوزغىمايدىغان ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. نەتىجىدە ئەيدىز ( HIV ) تېخىمۇ كەڭ تارقىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ خۇددىي قۇرۇپ قالاي دېگەن دوناي تېرەككە ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلىغاندەك ئىش بولدى. ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستېكىلىق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 75 پىرسەنت تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش مەزگىلىدىكى نىكاھسىز بىرگە تۇرۇشنى توغرا دەپ قاراپ، قوبۇل قىلالايدىكەن، 90 پىرسەنت ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقانلار شۇنداق قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىكەن. شىنجاڭ يېزائىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت - جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قابىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن  康菊花 بىلەن 朱 华 ئىككەيلەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ساۋاتلىرىنى بىلىش ئەھۋالى ۋە ئەيدىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، << تويدىن ئىلگىرىكى جىنسىي مۇناسىۋەت >> نى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار %24.1 ، << بەرىبىر >> دەپ قارايدىغان ئوقۇغۇچىلار %15.5 بولۇپ، بۇ ئىككى نىسبەتكە << بىلمەيمەن >> دەپ جاۋاب بەرگەن %11.7 ئوقۇغۇچىنى قوشقاندا، %51.4 ئوقۇغۇچى << تويدىن ئىلگىرىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى >> غا قارشى ئەمەسكەن. << كۆپ جىنسىي جۆرىسى بولۇشقا قانداق قارايسىز >> دېگەن سوئالغا % 9.1 ئوقۇغۇچى << قوللاش>> ، %11.3 ئوقۇغۇچى << بەرىبىر >> دەپ ئاۋاز بەرگەن . بۇ ئىككى نىسبەتنى قوشقاندىمۇ %20 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىش شۇ بولىۋاتىدۇكى، بەزى مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىمىز كۆز ئالدىدىكى ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى جنىسيەت ھەققىدىكى تەربىيە ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئۇنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك ، دەپ چوقان سېلىشماقتا. مېنىڭچە، بىز ئەسلى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسىگە ئەمەس بەلكى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئېتىقاد ، ئەخلاق تەربىيىسى، ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەش، گۈزەللىكنى سۆيۈش تەربىيىسى قاتارلىقلارنىڭ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قاراشلىرىدىكى ئەگرىلىكلەرنى تۈزەشكە كۈچىشىمىز كېرەك ئىدى.

    3. ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز ( HIV ) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرى ئاز. بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر يېتەرسىز ياكى كۆزلەنگەن نىشاندىن يىراق. بولۇپمۇ دىيارىمىزغا ئوخشاش غەربىي چەت رايونلاردا تېخىمۇ شۇنداق . ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەيدىز ( HIV )  ھەققىدىكى ساۋاتنىڭ يېتەرسىز بولۇشى دەل بۇلارنىڭ ئەيدىز ( HIV ) دىن ئۆزىنىڭ قوغداش ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى بەلگىلىگەن. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يولداش موۋ ۋىننىڭ << جۇڭگو مەكتەپ دوختۇرخانىلىرى >> دېگەن ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغان << مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ( HIV )  ھەققىدىكى ساۋاتلارنىڭ بىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى >> دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ( HIV )  ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش ئەھۋالى ئېچىنىشلىق بولۇپ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭمۇ توغرا بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما پەرقكە ئىگە بولغان . ئوخشاش رايون ، ئوخشاش مەكتەپتىكى ئىككى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنداق پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. ئەيدىز ( HIV ) نىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا تېخىمۇ تۈجۈپىلەپ ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. دېمەك دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىز ( HIV ) نىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى يۈكى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر. مېنىڭ ئويۇمچە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ( HIV )  ھەققىدىكى ساۋاتلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى سەۋەب ، بىرى بۇ ھەقتىكى تەشىۋىقاتلارنىڭ يەنىلا يېتەرسىز بولىۋاتقانلىقىدىن باشقا، يەنە بىرى ، بۇ ھەقتىكى خىزمەت ۋە تەشىۋىقاتلارنىڭ كۆپرەك دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدا بولىۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا، مېنىڭ پىكرىمچە، ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىدا ئەيدىز ( HIV )  تەشۋىقاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى چوقۇم قوش تىلدا ، يەنى شۇ جايدىكى يەرلىك مىللەتلەر چۈشىنەلەيدىغان تىللاردا ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىماسلىك كېرەك. بولمىسا، خىزمەتلىرىمىزدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش يەنىلا مۇشكۇل.

    4. جەمئىيەت ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز ( HIV )  يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتمەسلىك، ئۇلارغا كۆيۈنۈش سادالىرى گەرچە يۇقىرى مۇقامدا توۋلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي مۇئامىلە ۋە پوزىتسىيىدە يەنىلا كەمسىتىش خاھىشى ئېغىر. ئەيدىز ( HIV )  بىمارلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلىنىش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئايرىم ساندىكى ئەيدىز ( HIV )  دىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار يۇقۇملانغان ھامان ئۆز ئەھۋالىنى ئائىلىسى ۋە مەكتەپكە مەلۇم قىلىشتىن باش تارتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئورۇنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى باشقىلار تەرىپىدىن بىلىنمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ( HIV ) نىڭ تارقىلىش خەۋپى بارغانسېرى ئارتىپ كېتىۋاتىدۇ. جەمئىيەت ۋە مەكتەپتە ئەيدىز ( HIV )  يۇقۇمدارلىرىغا ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنى ھەر زامان كەمسىتىمەيدىغان، ئۇلارنى ئارىمىزدىن سىقىپ چىقىرىپ يەكلىمەيدىغان ئىللىق بىر مۇھىت بەرپا قىلىنسا ئىدى. ئۇ چاغدا، ئىش ھازىرقىدەك مۇرەككەپلىشىپ، چېگىشلىشىپ كەتمەيتتى. ئەيدىز ( HIV ) نى تېزگىنلەش ئىشىمىزمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولاتتى.

         ئەلۋەتتە، بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئامىللار بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىلىرىنى كۆزىتىپ، تۈزەپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، دوست - بۇرادەر ، ساۋاقداشلار ئارا ئۆز - ئارا تەربىيەت ۋە رىغبەتنىڭ يېتەرسىز بولۇشى دېگەندەك. يۇقىرىدا پەقەت ئۆزىمىز نۆۋەتتە نۇقتىلىق دىققەت قىلىش ۋە تۆزىتىش كېرەك ، دەپ قارىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇق. كەم - كۇتە يەرلرىنى كۆپچىلىك يەنە بىرگە مۇھاكىمە قىلارمىز ! قىسقىسى ، ئەيدىز ( HIV )  ھەممىمىز يۈز تۇتمىساق بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى! ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرىشىكە ھەممىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ قاتناشمىساق، قولىمىزدىكى كېلىشىچە ئەمەلىي ئىش قىلىمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى ...

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ