تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يەر ياڭىقى ئالتە خىل ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ

يوللىغۇچى : سەمەتجان مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2017-01-14 كۆرۈلىشى قېتىم

 20170113225952536.jpg

1. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگىنىمىز پۇرىن مېتابولىزمى قالايمىقانلاشقان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بىمارلارنىڭ قېنىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئەسلىدىلا يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى ياغلىق يېمەك-ئىچمەكلەر سۈيدۈك كىسلاتاسىنى چىقىرىپ تاشلاشقا توسقۇنلۇق قىلىپ كېسەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.



2. ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلگەنلەر. ئۆت سۇيۇقلۇقى ياغنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەر ئۆت خالتىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىلگەنلەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاپ قويغىلى بولمىغاچقا، يەر ياڭىقى قاتارلىق ياغلىق يېمەكلىكلەردىكى ياغلارنى ھەزىم قىلىش ئىنتايىن تەسلىشىدۇ.

3. ئاشقازان يارىسى، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ۋە سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سوزۇلما قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. شۇڭا ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەر يەڭگىل، ياغسىز بولۇشى، مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇشى كېرەك. يەر ياڭىقىنىڭ ئاقسىل ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىك بىمارلىرىغا ماس كەلمەيدۇ.

4. ئورۇقلىماقچى بولغانلار.يەر ياڭىقىدا ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغ تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 100گىرام قورۇلغان يەر ياڭىقىنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەنگە 581 كىلولالورىيە ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىنىدۇ.

5. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى . دىيابېت بىمارلىرى كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھەركۈنى قورۇمىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ياغ 30 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. 18 تال يەر ياڭىقى 10 گىرام ياغقا تەڭداش بولۇپ، 90 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ.

6. قاندا ياغ ۋە ئاقسىل ئېشىپ كەتكەن بىمارلار. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىللىق قان كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. يەر ياڭىقىدا ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغ تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ. تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015