ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

ئەرلەرنى ياشارتىدىغان 3 خىل چېنىقىش ئۇسۇلى

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-09-18 كۆرۈلىشى قېتىم

نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر خىزمەت ۋە باشقا جاھاندارچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىشكە ئېتىبار بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ-دە، ئوڭاي «قېرىپ» كېتىدۇ. تۆۋەندە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى سىزگە ئۆزى ئاددىي، ئەمما ئۇزاققىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلەپ بەرگەندە، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدىغان 3 خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

1. بەدەننى قاتلاش

مەشىق ئۇسۇلى: كارۋات ياكى پول ئۈسىتدە ئوڭدىسىغا تەكشى يېتىپ، ئىككى پۇتنى جۈپلەپ، ئىككى قولنى باشنىڭ كەينىگە تەبىئىي سوزۇپ تاشلاپ، ئىككى پۇت ۋە قولنى تەڭلا كۆتۈرۈپ، بەدەننىڭ مەركىزى قىسىمىغا ئەكىلىش ھەمدە قول بىلەن پۇتنى ئۆز-ئارا تېگىشتۈرۈپ، بەدەننى قاتلاش، ئاندىن ئەسلى ھالەتكە قايتىپ، يەنە يۇقىرىقى ھەرىكەتنى تەكرار ئىشلەش، ئۇدا 15~10 قېتىم ئىشلەش، ھەر قېتىمدا 3~2 گۇرۇپپا ئىشلەش لازىم. ھەپتىدە 5~3 قېتىم ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.


مەشق تەلىپى: قول-پۇتنى جۈپلىگەندە، تۈز بولۇشى، تىز ئېگىلىپ قالماسلىقى؛ قول-پۇتنىڭ ھەرىكىتى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلىنىشى، ئۆز-ئارا ماسلىشىشى؛ پۇت-قولنى كۆتۈرگەن ھامان نەپەس ئېلىپ، قويۇپ بەرگەندە ئاندىن نەپەسنى چىقىرىش لازىم. دەسلەپكى مەزگىلدە،پۇت-قوللارنىڭ ماسلىشىشى، ھەرىكەت ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
مەشق ئۈنۈمى: بەل-قورساقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015