ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

مەنىي بالدۇر كېتىش بىمارلىرى قانداق غىزالانسا ياخشى؟

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-09-18 كۆرۈلىشى قېتىم

بىرىنچى، غىزالىنىش ئومۇمىي پرىنسىپى

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش لازىم.
2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئەھۋالغا قاراپ مىزاجغا مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ.
3. ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، نەشىگە ئوخشاش مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى قەتئىي ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
4. تۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى،  ئەلداۋا غىزالىنىش كۆرسەتمىسى

يېمەك ئۈچۈن : (1) ئاساسى غىزا ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن يۇمىلاق گۈرۈچ، تېرىق، ئاققوناق دېنى، كۆممىقوناق ئۇنى، قارا پۇرچاق، سۇ لەيلىسى قاتارلىقلار؛ (2) گۆش، تۇخۇم، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن كالا-قوينىڭ پاقالچەكلىرى، قوي گۆشى، ھايۋان بۆرىكى، كەپتەر تۇخۇمى قاتارلىقلار؛(3) سەي-كۆكتات تۈرىدىكىلەردىن ئاق پۇرچاق، پېچەكگۈل، كۈدە (جۇسەي)، باش پىياز، كەرەپشە (چىڭ سەي)، پىياز، قىشلىق موگۇ (香菇) قاتارلىقلار؛(4) مېۋە-چىۋە تۈرىدىكىلەردىن ئۈژمە، ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن، قاپاق چىلان، قارا چىلان قاتارلىقلار. (5) باشقا تۈردىكىلەر ئۈچۈن ياڭاق مېغىزى، قارىغاي ئۇرۇقى، كاشتان، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر پىشۋالىرىمىز نېمە دەيدۇ؟ ئۇستاز ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىسىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازما داۋامىدا بولسۇن!

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015