ھاياتلىق ئىشىگى بولغان بۆرەكنى ئاسراش بەك مۇھىم
يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى
مەنبەسى : ئەلداۋا تورى
ۋاقتى : 2015-11-12
كۆرۈلىشى قېتىم
بۆرەك ئورگانىزىمدا ماددا ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قان بېسىمنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، قىزىل قان دانچىسىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى، سۇڭەكتىكى كالتىسىيلىق تۇز ماددىلىرىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بۆلىنىپ چىقىدىغان ماددىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، جۇڭيىدا بۆرەكنى ھاياتلىق ئىشىگى دەپ ئاتايدۇ.
بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى شۇنچە مۇھىم تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ كېسەللىك ئۇزگىرىشىنى دەسلەپكى قەدەمدىلا نېمە ئۈچۈن سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا؛ ئىككى بۆرەك 3 مىليون بۆرەك بىرلىكىدىن تەركىپ تاپقان، ھەر قايسى بۆرەك بىرلىكى كومپېنساتسىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاڭلىق ھالدا ئىشلەۋېرىدۇ.
بۆرەك مىنۇتىغا 1.2 لېتىر قاننى سۇزۇپ تازىلايدۇ. بەش مىنۇتتا پۈتۈن بەدەندىكى قاننى بىر قېتىم سۈزۈپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، بىراق بۆرەك بىرلىكى قايتا ئۆسمەيدۇ، بىرىسى كاردىن چىقسا، بىرىسى ئازىيىپ مېڭىۋېرىدۇ. كوپېنساتسىيە ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى بىلىنىدۇ. شۇڭا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1.بۆرەكتە كېسەل كۆرۈلمىگەن ياكى بۆرەك ساغلام ۋاقىتتىن باشلاپ بۆرەكنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە، مەسىلەن، بەدەن ئىششىغاندا، قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا، سۇيدۇك يولى غىدىقلانغاندا، بەل قىسمى تېلىپ ئاغرىغاندا، سۇيدۇكتىن كۆپ مىقداردا ئاقسىل ماددىلىرى بايقالغاندا، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۇلسە، دەرھال دوختۇرغا بېرىپ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ داۋالىنىش كېرەك.
2.بىر قىسىم دورىلار بۆرەككە زىيانلىق، مۇمكىن بولسا ئۇلارنى ئىچمەسلىك كېرەك.
3.كۈندىلىك ئۈچ ۋاق ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، دائىم سۇپەتلىك ئاقسىل ماددىلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
4.ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بۆرەكنى ئاسراشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
5.ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ، ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
- ئالدىنقىسى : نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر
- كىيىنكىسى : ئەرلەردىكى تىل زۇلۇمى
بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرشىڭىز مۇمكىن
- ئاياللار كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- خورەك ئەرلەرنىڭ دۈشمىنى
- ئەرلەر كىچىك تەرەتتىن كېيىن ئۈچ مىنۇت مېڭىپ بېرىشى كېرەك
- ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى
- ئەرلەر ساغلاملىقىغا پايدىلىق 10 خىل ئوزۇقلۇق
- مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش
- ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى
- IT چى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدىكەن
- ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار