بالا قىززىپ قالغاندا ئىسسىقراق سۇدا
ئائىلىدە قىزىپ قالغان بالىلارنى پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:
1. غەربچە قىزىتمىنى ياندۇرۇش تىپىدىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان زۇكام دورىسى بىلەن قىزىتمىنى ياندۇرغاندا، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش، دورا ئىچىش ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى، دەپلا دورىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋالماسلىق لازىم.
2. بالىنىڭ تەرلىگەندىكى بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ياخشى ئىگىلەش. تەرلىگەندە ئادەتتە بالىنىڭ ئالقان، پىشانىسىدىن تارتىپ پۈتۈن بەدىنىگىچە تەرلىگەندىكى گرادۇس ئۆلچەم قىلىنىدۇ. پۈتۈن بەدەن سەل-پەل تەرلىگەننى ئاساس قىلىش، چىپىلداپ تەرلەشنى ئاساس قىلماسلىق زۆرۈر. ئادەتتە تەرلەش ۋاقتى ئىككى سائەت داۋاملاشسا قىزىتما يانىدۇ.
3. ئىسسىقراغ سۇغا بالىنىڭ پۇتىنى چىلاپ يۇيۇپ بەرگەندىمۇ قىزىتمىنىڭ يېنىشىغا پايدىسى بولىدۇ. پۇت چىلايدىغان سۇغا ئۆسۈملۈك دورىنى قاينىتىپ بولغاندىن كېينكى دورا قالدۇقلىرىنى سېلىپ قايناتسىمۇ ياكى زەنجىۋىل، كۆك ئەمەن، ئۈزبەر قاتارلىق جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى سېلىپ قايناتسىمۇ ۋە ياكى ئىلمان قايناقسۇ ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. پۇتنى چىلاش ۋاقتى 15 –20 مىنۇتقىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق بولسىمۇ بولىدۇ، بالىنىڭ پۇتىنىڭ كۆيۈپ قىلىشىغا دىققەت قىلغۇلۇق.
4. يېمەك -ئىچمەك جەھەتتە: ئىلمان قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىش، مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، شورپا، سۇيۇقئاش قاتارلىقلارنى يىيىش كېرەك. چۈنكى ئادەم قىزىغاندا ئاشقازاننىڭ فۇنكىسىيىسى تۆۋەنلەيدۇ، مايلىق، قويۇق تاماقلار ئاسانلا كۆڭۈلگە تېگىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.