بوۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈشكە سەل قارىماڭ
ئىچ سۈرۈش ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بۇۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، پەسىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ‹‹ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش››دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئىچ سۈرۈشنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بۇۋاقلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى %50 كە يېتىدۇ.
ئىچ سۈرۈش چوڭلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئاغرىق ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇۋاقلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەلدۇر.
بۇۋاقلاردا چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، سۇيۇق كېلىشى، شىلىمشىق بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆسۈپ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، مىكروبلارنىڭ قاننى مىكروبلاندۇرۇشى، ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.