ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-09-18 كۆرۈلىشى قېتىم

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە.
10 مىنۇت پەلەمپەيدىن چىققاندا، 200 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنى خوراتقىلى، پەلەمپەيدىن چۈشكەندىكى خورايدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى چىققاندىكىنىڭ 3/1 گە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ياخشى بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت ئوكسىگېنلىق مېتابولىزم ھەرىكىتى بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە مايلارنى خورىتىپ، يۈرەك، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشكەندە خورىغان ئىسسىقلىق ئادەتتىكى سەيلە قىلغان چاغدا خورىغان ئىسسىقلىقنىڭ 4 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، يۈگۈرگەندە خورىغان ئىسسىقلىقتىن %29 ئارتۇق بولۇپ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن تولىمۇ مەنپەئەتلىك چېنىقىش ئۇسۇلىدۇر. ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا، ھەرىكىتى نىسبەتەن ئازلاپ كېتىدۇ. ئەمما، داۋاملىق پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈپ بەرگەندە، تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ قان ئايلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ئەمما، پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشكەندە سۈرئەت ئاستىراق، تەكشى، رىتىملىق بولغىنى ئەۋزەل. بۇنداق بولغاندا، بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ۋە پۇت-پاچاق مۇسكۇل-تارىمۇشلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى ھەمدە بوغۇملارنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل چېنىقىش ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇلسا، پۇت-پاچاقلارغا يەنىمۇ ماغدۇر كىرىپ، پۈتۈن بەدەن كۈچلىنىپ كېتىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەر قېتىملىق پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەتتە، 20-10 مىنۇت بولسىلا كۇپايە، چىقىپ-چۈشۈش سۈرئىتى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى، بەك زورۇقماسلىق لازىم. چىقىپ-چۈشكەندە، قەدەمنى مەزمۇت، پۇختا ئېلىش، بىخەستىلىك قىلىپ يىقىلىپ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015