ئەرەنلىكنى ئاشۇرغۇچى 8 خىل ھەرىكەت
جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەردىن مۇئەييەن بەدەن ساپاسى ۋە قۇۋۋەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەرەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىمەن دەيدىكەن، مۇنۇ 4 نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
(1) مۇستەھكەم ئاساس: مۆرە، بېلەك، بەل، پاچاقلار كۈچلۈك بولۇشى، ئۆز بەدىنىنى خېلى ئۇزاق ۋاقىت كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
(2) ياخشى بولغان ئېلاستىكىلىق-ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولۇشى لازىم.
(3) كۈچ: بەزىلەرنىڭ دائىم ئىشتىن كېيىن بېلى ياكى گەجگە قىسىملىرى ئاغىرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ ئورۇن مۇسكۇللىرىنىڭ تازا چېنىقمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
(4) بەرداشلىق قۇۋۋىتى: كۆپىنچە ئەرلەر مۇسكۇلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. ئەمما، بەرداشلىق كۈچىگە سەل قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىنسىي تۇرمۇش كىشىدىن بەرداشلىق ۋە رىتىم تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بەرداشلىقنى چېنىقتۇرۇشقىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم.
ئۇنداقتا، سىزنىڭ ئەرەنلىكىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟