ئانا-بالىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئانا-بالىلار

بالىلارنىڭ قورسىقى دائىم ئاغرىسا...

يوللىغۇچى : ئارزىگۈل مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2017-04-26 كۆرۈلىشى قېتىم
 

قورساق ئاغرىش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، ئەمما ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس ۋالكىر مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ خىل بالىلارنىڭ قورامىغا يەتكەندىن كېيىن تەشۋىشلىنىش ياكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، بالىلىقىدا قورسىقى كۆپ ئاغرىيدىغان 20 ياشلاردىكى 332 كىشىنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى دەلىللىدىكى، قورسىقى ئاساسەن ئاغرىمايدىغان تەڭتۈشلىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %51 يۇقىرى بولىدىكەن››.
   پىروفېسسور ۋالكىر يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹ ئوقۇش بېسىمى، دوستلار ئارا مۇناسىۋەت، رىقابەت ۋە جىددىيچىلىك بالىلاردا قورساق ئاغرىقىنى پەيدا قىلىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقىدە تەشۋىشلىنىدىغان ۋە قورساق ئاغرىقى تەكرار قوزغىلىدىغان بالىلار پىسخىكىلىق داۋالىنىشى كېرەك››.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015