ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

ساقال-بۇرتى ئاز بولسا جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز بولامدۇ؟

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-09-18 كۆرۈلىشى قېتىم

بىزدە «ساقال-بۇرۇت ئەرلەرنىڭ كۆركى» دەيدىغان گەپ بار. ئەمما، تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرتىنى جىنسىي ئىقتىدار بىلەن باغلاپ، ساقال-بۇرتى ئاز، شالاڭ ئەرلەرنى جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز دەپ قارىشىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟
ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشى ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كىشىنىڭ ئەرلىك ھورمونى قانچە كۆپ ئاجرالسا، ساقال-بۇرتى شۇنچە كۆپ، تېز ئۆسىدۇ. ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشى يەنە بىر مۇھىم ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچىسىدۇر. تۈك خالتىسى قوللىغۇچىسى قانچە كۆپ بولسا، ساقال-بۇرت شۇنچە قويۇق ئۆسىدۇ. دەل مۇشۇ تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچىسى سەۋەبىدىن، ئەرلىك ھورمون ئوبدان ئاجرىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭمۇ ساقال-بۇرتى ھەرخىل بولىدۇ. بۇ خىل تۈك خالتىسى قوبۇللىغۇچى كۆپ بولسا قويۇق، ئاز بولسا شالاڭراق بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، نۇقۇل ھالدا ساقال-بۇرتنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىلمىي ئەمەس. 


ساقال-بۇرتنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېپى
ئەرلىك ھورمون ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇشىدىن ساقال-بۇرتى ئازراق بولغان كىشىلەر كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ھايۋان جىگىرى، ھايۋان ئىچكى ئەزالىرىغا ئوخشاش تەركىبىدە ئادرېنالىن (肾上腺素) ۋە جىنسىي ھورمون كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئىپتىدائىي ئۇرۇق ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنىشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسىلەن، قۇلۇلە، كالا گۆشى، كالا سۈتى، توخۇ گۆشى، توخۇ جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقال-بۇرتنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015