ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر
يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى
مەنبەسى : ئەلداۋا تورى
ۋاقتى : 2016-01-09
كۆرۈلىشى قېتىم
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئېرىڭىزنى قايتۇرۇپ كەلگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىلەرگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
2. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆز بېشىمچى، ھاكاۋۇر بولۇشتىن ساقلىنىڭ.
ئاياللار كىچىكىدىن تارتىپ تاكى توي قىلغۇچە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاسرىشى، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ، شۇڭا كۆپلىگەن ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئېرىنىڭ دائىم كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆزىدىن باشقا ئىشنى مۇھىم دەپ بىلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەرلەرنىڭ ئويلايدىغىنى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا سىز ئۇنىڭدىن كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى بىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ سىرتقا قارىمايدۇ.

3. مۇھەببىتىڭىزنى ئېرىڭىزدىن ئايىماڭ.
نۇرغۇن ئاياللاردا ئېرىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا ھەدىدىن ئېشىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەيدىغان قاراش بار. مېنىڭچە، بۇ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك. سۆيگەنىكەنسىز، قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشىڭىز، ئۇنىڭغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى، ئائىلىنىڭ ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئاستا ئاستا يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىدۇ.
4. ھەممە ئىشتا ئېرىڭىزگە يۆلىنىۋالماڭ.
كۆپلىگەن ئاياللار بىر ئىش قىلماقچى بولسا گەرچە شۇ ئىشنى قىلىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلسىمۇ، ئېرىنىڭ ئالدىدا قەستەن قىلالمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئېرىڭىز تەبىئىي سىزدىن بىزار بولىدۇ، سىزدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ.
تەۋسىيەم: ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزىڭىز قىلىڭ، ئائىلىدىن خۇشاللىق ئىستىمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۆزىڭىزدىن، ۋۇجۇدىڭىزدىن ئىزدەڭ.
5. دائىم كوتۇلداپ، ئېرىڭىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتماڭ.
تويدىن كېيىن، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئېرىگە بولغان پوىتسىيەسى ئۆزگىرىدۇ، دائىم ئۇنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشقا پۇرسەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. گەرچە ئەر-خوتۇنچىلىقتا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ ئاياللار كەيپىياتنىڭ ئوڭشاشقا ماھىر بولمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشتىن ساقلانماق تەس. ئەلۋەتتە، ئاياللار ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ئېرىگە قوپال تېگىدىغان، ئېرىنىڭ قىلغان ئىشنى يوققا چىقىرىۋېتىش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق. شۇڭا تەۋسىيەم: قىلغان ئىشىڭىزنى ئررىڭىزگە دەپ يۈرمەڭش ئۇ ئۆزلۈكىدىن ھېس قىلسۇن، ئارتۇق ئىشقا چېچىلماڭ، بۇ ئۆزىگىمۇ، قارشى تەرەپكىمۇ پايدىسىز. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، ئېرىڭىزدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
- ئالدىنقىسى : ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بەش خىل گۈزەللىك
- كىيىنكىسى : مەست بولغاندا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىشكە بولمايدۇ
بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرشىڭىز مۇمكىن
- ئاياللار كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
- ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك
- خورەك ئەرلەرنىڭ دۈشمىنى
- ئەرلەر سەمىگە ئىككى كەلىمە گەپ
- ئەرلەرنىڭ كۈنى تەس
- ۋىتامىنلار ۋە ئەرلەر ساغلاملىقى
- ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ سىرى
- كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟
- كىچىك سىناق: مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپسىزمۇ؟