ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-09-18 كۆرۈلىشى قېتىم

يېقىندىن بۇيان، «مىكروبلوگلاردا WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرىدۇ، ئۇرۇقنىڭ DNA سىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ ..» دېگەندەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈردى. مەلۇم تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىنى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان كومپيۇتېرنىڭ قېشىغا 4 سائەت قويغاندا، مەنىي سۇيۇقلۇقى «پىشىپ» قالغان، بەزىلىرىدە  DNA ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، سىمسىز تورغا چىققان چاغدا تارقالغان ئېلېكترو ماگنېت رادىئاتسىيىسى دەل «ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى قاتىل» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

 

 
 

WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرەمدۇ؟

مەزكۇر تەتقىقاتتا 29 نەپەر ئەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقى تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، مەنىي سۇيۇقلۇقى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان خاتىرە كومپيۇتېردىن 3 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايغا قويۇلۇپ، ئۇرۇقتىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆزىتىلگەن. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 سائەتتىن كېيىن %25 ئۇرۇق ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان. كومپيۇتېردىن يىراقراق ئورۇنغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدا پەقەت %14 ئۇرۇق ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان، WIFI بولمىغان جايغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدىكى ئۇرۇقلار ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
مەزكۇر تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، سىمسىز تورغا چىققاندا تارقالغان سىمسىز تور سىگنالنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما قۇۋۋىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدىكەن. شۇڭا، ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، بىخەتەر دائىرىدە بولىدىكەن. تەسىر قىلدى دېيىلگەندىمۇ ئادەمنىڭ تېرە قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بەدەنگە زىيادە يېقىن بولۇپ كەتمىسىلا، بەك ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

ئۇنداقتا يان كومپيۇتېر ئۇرۇق ئۆلتۈرەمدۇ؟ قىزىقسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015