ۋېلىسىپىت مىنىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى
جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى دائىم ۋېلىسىپىت مىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ۋېلىسىپىت مىنىشنى بىرخىل كۆڭۈلدىكىدەك چېنىقىش ئۇسۇلى، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئەر دوستلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، ۋېلىسىپت مىنىشنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى چوڭدۇر.
ۋېلىسىپىت بىر خىل قاتناش قورالى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ياخشى بولغان چېنىقىش قورالى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ۋېلىسىپىت مىنىپ چېنىقىش ئارقىلىق ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. چۈنكى، ۋېلىسىپىت مىنىپ بەرگەندە، قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغىلى، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى، پۇت-پاچاقلارنىڭ مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.