ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

ئەرلەردىكى تىل زۇلۇمى

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2015-12-13 كۆرۈلىشى قېتىم

 ئائىلە زۇلۇمى دۇمبالاشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، تىل زۇلۇمىمۇ كىشىنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەردىكى تىل زۇلۇمى قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟

1. «مەن بولمىسام ھېچ ئىش قىلالمايسەن». مۇقىم ئىش ئورنى يوق، ئەرگە تايانغان ئاياللار بۇ خىل تىل زۇلۇمىغا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەر ئۆزىگە بېقىنىپ كەلگەن ئايالىنى ئۇنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئازابلايدۇ. ئايال بۇنداق ھاقارەتكە چىدىماي بارغانچە جىمىغۇرلىشىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە تۈگىشىپ كېتىدۇ.
2. «بۇ مەندىكى مەسىلە ئەمەس، بۇنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق». قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقانداق مۇناسىۋەتنى ئىنكار قىلىش، سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇش تىل زۇلۇمىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، بۇ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلاشماسلىقى، سىرتقا بىللە چىقىشنى رەت قىلىش، ھېيت-بايراملاردا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاشنى رەت قىلىش، ئۇزاققىچە گەپ قىلماسلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق ئەرلەر ئايالى ئاغرىپ قالغاندىمۇ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئېغىر ئىشلارغا سالىدۇ.
3. «مېنى ساراڭ چاغلاپ قالدىڭمۇ؟». بۇ سۆز قارشى تەرەپنى كونترول قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، كۈنلەمچى كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل سۆزنى ئىشلىتىدىغان ئەرلەر ئايالىنى مۈلكۈم، دەپ قاراپ، بىر مىنۇتمۇ ئايرىمايدۇ. ئايال ئامالسىز ئۇنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئازايتىدۇ ھەمدە سىرتقا يالغۇز چىقمايدۇ، شۇندىمۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمان تۈگىمەي، دائىم نارازى بولىدۇ.
4. «ئىشىكتىن چىقساڭ، قايتىپ كىرمە». بۇ خىل سۆزنى ئىشلىتىدىغان ئەرلەر ئايالى تەلىپى بويىچە ئىش قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى ئازابلايدۇ، يەنە بىر خىل ئېغىر دەرىجىدىكى تەھدىت سېلىش بولسا «ئۆلۈۋېلىش» قوقىقى سېلىشتىن ئىبارەت، « ئۆلۈۋالىمەن» دېيىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى «خاپا بولماڭ، ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم» دېيىشكە مەجبۇرلاپ، بارلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ.
 
 
 
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015