خانىم-قىزلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » خانىم-قىزلار

ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-27 كۆرۈلىشى قېتىم

 

ياشلىق مەزگىلى: قىزلار يېتىشىلى باسقۇچىدا سۈت بېزى يۇغىناش، ھەيز كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چۈشەنچە ياخشى بولمىغانلىقتىن، قورقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنداق چاغدا چوڭلار بىلەن بۇ توغرىدا كۆپرەك پىكىرلىشىپ مەسىلھەت سوراش، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىگە دىققەت قىلىپ، بالدۇر مۇھەببەتلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ھامىلدارلىق مەزگىلى ھەمدە تۇغۇت مەزگىلى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشى خۇشال بولىدۇ، ھامىلدار بولغان ئايالنىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر تۇراقسىز بولۇپ، ئاساسن چېچىلىدىغان، يات جىنىسلارغا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەپ، ئۆزى بىلەن بالىسىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال ئائىلىسى ۋە خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن بەدەندىكى ھورمونلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، باشقىلارغا تايىنىش پىسخسىكىسى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق چاغدا خامۇشلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

كىلىماكتىرىيە دەۋرى: كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە ئىچكى ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش بولىدىغان بولغاچقا، قىزىش، كۆپ تەرلەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا ھەر قانداق ئىشقا ئوبيېكتىپ قاراپ، كېلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ياشانغان مەزگىل: ياشانغاندا ئىككى خىل پىسخىكىلىق ھالەت كۆرۈلىدۇ، يەنى بىرى، قېرىلىققا تەن بەرمەسلىك؛ يەنە بىرى، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش ۋە گۇمانلىنىش. شۇڭا ياشانغانلار ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015