يېڭى توي قىلغانلار دورىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە ئوڭايلا تۇغماس بولۇپ قالىدۇ

مۇۋاپىق دورا ئىشلەتمەسلىكنىڭ كېلىپ چىقىدىغان تۇغماسلىقنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك، بۇ ھەقتە توپلىغان بىر نەچچە مىسالنى يېڭى توي قىلغان ئەر- ئاياللارنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز:
سېمىتىدىن(西咪替丁): ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، يۇقىرىقى نەپەس يولى قاناشقا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن سېمتېدىننى كۆپ مىقداردا ئۇزاق ۋاقىت ئىچسە ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئازايتىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھايۋانات تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، كىچىك ئاق چاشقانغا بۇ دورىنى كۆپ مىقداردا ئالتە ئاي بەرگەندە چاشقاننىڭ ئۇرۇقدىنى، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسىنىڭ ئېغىرلىقى كېمەيگەن ھەتتا قورۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ سەۋەبى سېمىتېدىننىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا قارشى تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئىندوكسان: بۇ كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان يىلىك ئۆسمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان مىقدارى چوڭلار كۈنىگە 0.1-0.2گىرام، ئومۇمىي مىقدارى6-10 گرامغا يەتكەندە ئۇرۇقنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ يەنە ئاياللاردا ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئازۇلفىدىن: بۇ دورا يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالايدۇ، مەنى سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇرۇقنى كېمەيتىش، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشتەك ناچار تەسىرلىرى بار.
بۇسۇلفان: سوزۇلما خاراكتېرلىك دانىلىق ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسەللىكى ۋە ھەقىقىي قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىش كېسەللىكى ئىشلىتىلىدۇ. بىراق ئۇرۇقداننى قورۇلدۇرۇپ تۇغماس قىلىپ قويىدۇ. ئاياللاردا بولسا ھەيز قالايمىقانلىشىش ياكى ھەيز كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باشقىلار(SMZco)سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ. بىراق، ئۇرۇقنىڭ سانىنى كېمەيتىۋېتىدۇ، يەنە راكقا قارشى تۇرغۇچى دورا مېتوترېكسات، كولخىتسېن ۋە ھورمون تۈرىدىكى دورا پرېدنىزولون قاتارلىقلارمۇ ئۇرۇقنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
گەرچە يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بولسىمۇ، دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىلسىلا بۇ خەۋپتىن يەنىلا ساقلانغىلى بولىدۇ.