خانىم-قىزلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » خانىم-قىزلار

ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-10-07 كۆرۈلىشى قېتىم

 بەزى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى، تاتلىق يېمەكلىك زىيادە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە زىيان يېتىپ، بەزى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

20160929000336243.jpg

1. چاچقا بالدۇر ئاق كىرىدۇ. 50 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت كىسلاتالىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەن سۇيۇقلۇقىنى نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى قېرىتىپ، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2. كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كېسەلنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن B1 كۆرۈش نېرۋىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ماددا. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋىتامىن B1 نى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا تاتلىق يىمەكلىكنى ئۇزاق ۋاقىت كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ‹‹ئوزۇقلۇق كەملىك›› ىگە سەۋەب بولۇپ، كۆرۈش نېرۋىسى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەنت بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئارىلىق مەھسۇلاتنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: پايرۇۋىك كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇنداق ماددىلار بەدەننى كىسلاتالىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بەدەندىكى ئىشقارلىق ماددىلار (كالتسىي، ماگنىي) نى خورىتىدۇ، بۇ كالتسىي كەملىكتىن بولىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە ئىستېمال قىلىنغان قەنت ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن، ئۆت كىسلاتاسى ۋە لېتسىتېننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېشىنچا قەنت ئۆزلۈكىدىن ياغقا ئايلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم سېمىز بولسىلا ئۆتتە چوقۇم تاش شەكىللىنىشى ناتايىن، ئەمما ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللاردا سېمىزلىك ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىۋاسىتە قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، قەنت ۋە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر (مەسىلەن: يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى، قەنت كېسىلى، سېمىزلىك، كۆزگە ئاق چۈشۈش) نى پەيدا قىلىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015