خانىم-قىزلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » خانىم-قىزلار

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

يوللىغۇچى : سەمەتجان مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-12-14 كۆرۈلىشى قېتىم
 
20161213213639669.jpg
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ھۆل قولدا تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل دورىلارنىڭ كۆپ قىسمى شېكەر يالىتىلغان تابلېتلار بولۇپ، دورا سىرتى ھۆللۈك، نەملىك بىلەن ئۇچراشسا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دورىنى قۇرۇق، قاراڭغۇ جايدا ھەم قوڭۇر رەڭلىك قۇتىدا ساقلاش كېرەك.
دورىنى چوقۇم كۆرسىتىلگەن مىقدارى بويىچە ۋاقتى قەرەلىدە ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىسا دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق كۆرگىلى بولمايدۇ.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى باربىتال، بوتازۇل، نېئومىتسىن، ئامپىتسىللىن، ئىنزولىن قاتارلىق دورىلار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل دورىلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ياكى يوقىتىدۇ.
ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما جىگەر كېسەللىكى، بۆرەك كېسەللىكى، قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكى، يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكى، مېڭە قان تومۇرلار قېتىشىش كېسەللىكى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا توغرا كەلسە دورا ئىشلەتمەي باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەر دىققەت قىلمىسا ھامىلدارلىقنى ساقلىنىش دورىلىرى يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015