بالىلار ۋە كونسېرىۋا
كونسېرىۋانى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلەش جەريانىدا پىگمىنىت ، تەم ( پۇراق ) جەۋھىرى ، چىرىتىشتىن ساقلاش دورىسى قاتارلىق سۈنئىي بىرىكمە ماددىلار قۇشۇلىدۇ ، بۇ ماددىلار قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمما بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا ، جىگىرىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل يىتىلمىگەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .ناۋادا كونسىرۋا تەركىبىدىكى بىر قىسىم خېمىيۋى ماددىلار بالىلارنىڭ بەدىنىدە توپلىشىپ قالسا ، سوزۇلما خارەكتىرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇلاردىن باشقا ، ئۇزۇن ساقلانغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا قىزىتىپ دېزىنفېكسىيەنگەن كونسېرۋا ( يىمەكلىكلەر ) نى بالىلارغا ئىمكانقەدەر ئاز يىگۈزۈش كېرەك .