ئانا-بالىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئانا-بالىلار

بالىلاردىكى كالتىسىي كاملىقنىڭ ئالامىتى ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى

يوللىغۇچى : نۇرىمانگۇل مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2017-02-04 كۆرۈلىشى قېتىم

 

 بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە كالتىسىي كاملىق دەپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ:

u=2931567613,2296794979&fm=214&gp=0.jpg

بالىلاردىكى كالتىسىي كاملىقنىڭ ئالامىتى ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى

 

 ئاسانلىقچە ئۇخلىيالماسلىق،ئۇخلاۋىتىپ يىغلاپ كىتىش،ئۇخلاۋىتىپ چۆچۈش،ئازىراقلا شەپىدىن ئويغىنىپ كىتىش،ئۇخلاۋىتىپ تەرلەش،تولا ئىچى سۈرۈش،سەۋەپسىزلا قىززىپ قېلىش،كۆكرەك سۆڭىكى ئاغىرىش، Xشەكىللىك پۇت،O شەكىللىك پۇت،توخۇ كۆكرەك،بېشى زىيادە يوغان ياكى پىشانە تەرەپ بىلەن كەينى تەرەپ بۆلۈنۈپ كىتىش،تىرنىقى كۈلرەڭ ياكى ئاق داغ بولۇش،تاماققا ئىشتىھاسى يوق،چاچ شالاڭ،چىشلىرى رەتسىز ھەم كېچىكىپ چىقىش،چىشلىرى پۇچۇلۇپ كىتىش،ئاسان زۇكامداش ،بېشىنى ياستۇققا سۈركەش ،ئورۇنسىز يىغلاش ،باشتىكى مىلىقلىمىسى ئۇزۇنغىچە پۈتمەسلىك ،پات-پات تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار.

 كالتىسىي كاملىقنىڭ زىيانلىق تەرىپى:

 1.بالىنىڭ سۆڭەك ۋە چىشىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2.ئۆسۈپ يىتىلىشى ئاستا،بويى پاكار،كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ.

3.نېرۋىلىرى زىيادە ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولغاچقا،بالا ئاسانلىقچە تىنىچلىنالمايدۇ،ئۇيقىسى يىتەرلىك بولمىغانلىقتىن مىڭە تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4.بالا كۆپ تەرلەۋەرگەنلىكتىن تېخىمۇ ماغدۇرسىزلىنىدۇ

5.ھەر قايسى قوۋۇرغا سۆڭەكلەرنىڭ كۆمۈرچەكلىرى ئۆسۈپ،بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كىتىپ،ئۆپكىنى قىستاپ،نەپەس راۋان بولمايدۇ،بالا ئاسانلا كاناي ياللۇغى،ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ.

6.كالتىسىي كاملىق ئېغىرلاشقاندا مۇسكۇللار بوشىشىپ،قورساق دىۋارىدىكى،ئۈچەي دىۋارىدىكى مۇسكۇللار بوشىشىپ،ئاسانلا يەل يىغىلىپ قېلىپ،قورساق يوغىنىۋالىدۇ.

7.بىر ياشتىن كىيىنكى بالىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىپ،يۇقارىقى بەدەننى كۆتۈرەلمەي،پۇتلىرىدا O شەكىللىك ياكى X شەكىللىك ھالەت كۆرۈلىدۇ.

8.بولۇپمۇ يېڭى بوۋاقلاردىكى توختىماي ئىسسىقلىق چىقىدىغان،بويۇن،كاسسىلىرى پىچىلىپ كىتىدىغان ،ھۆل تەمىرەتكە چىقىدىغان ئەھۋاللارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىمۇ كالتىسىي كاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

9.كالتىسىي كاملىققا سەل قارىلىپ،ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ،داۋالىمىغاندا يۇقارىقى ئالامەتلەردىن سىرىت،ياش تۇرۇپلا تۈرلۈك بوغۇم-سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015