ئانا-بالىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئانا-بالىلار

تۇغۇش ئالدىدىكى ئاياللار بىر نەرسە يېسە بولامدۇ؟

يوللىغۇچى : سەمەتجان مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-10 كۆرۈلىشى قېتىم
240415-1309140H11212.jpg
تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى كۈچەيگەن ۋاقىتتا، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ھەتتا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىسسىقلىق ۋە سۇ قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە تۇغۇتلۇق ئاياللار بىر نەرسە يېمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. دوختۇر ۋېناغا سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈپ ئىسسىقلىق ۋە سۇ تولۇقلىسا بولىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەكسىچە، ئەگەر تۇغۇتلۇق مەزگىلدە، تۇغۇتلۇق ئاياللاردا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالمىسا، بىرىنچى قېتىملىق تۇغۇت جەريانىدا بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ئازراق بولسىمۇ توختاپ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاز مىقداردا بولسىمۇ يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر قىسىم ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا سۇنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىپ، قايناپ تاشقان روھىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى ساقلاپ، ئىككىنچى قېتىملىق تۇغۇتقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.
 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015