ئانا-بالىلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئانا-بالىلار

بالىلارنىڭ تىلىدىكى ئالامەتلەرگە سەل قارىماڭ

يوللىغۇچى : سەمەتجان مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-10 كۆرۈلىشى قېتىم

    بالىلاردىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرمۇ تىلىدا ئىپادىلىنىدۇ، ساغلام بالىلارنىڭ تىلى يۇمشاق، چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق، ھەرىكىتىمۇ ئەركىن، رەڭگى سۇس قىزىل بولىدۇ. بالىلارنىڭ تىلىدا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، سەل قارىماسلىق كېرەك.

    تىل گېزى قىزىرىپ قېلىش. بالىلار زۇكامداپ ياكى قىزىپ قالغاندا، تىل گېزى سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىپ، قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانىلار بىر قىسىم قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈش، مايلىق تاماقلارنى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.
    تىل گېزى ئاچ سېرىق رەڭدە، قېلىن ۋە يېپىشقاق بولۇپ قېلىش. بالىلارنىڭ كىچىك تىلىدا ئاچ سېرىق رەڭلىك داغ پەيدا بولسا ھەمدە تىل گېزى يېپىشقاق بولۇپ، سېسىق پۇراق چىقسا، ئاشقازىنىدا مەسلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق چاغدا بالىلارغا سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى كۆپرەك ئىچۈرگەندىن سىرت، بىر قىسىم ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلارنى ئىچۈرۈش كېرەك.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015