تۇرمۇشتا ھەرىكەت قىلىش ئەڭ پايدىلىق
«تائام مۇنارى» كۆپچىلىككە ئانچە ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك، ئۇ كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنى «ئېھرام (金字塔)» شەكلىدە تىزىپ چىقىدۇ. دائىم يەيدىغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەر مۇنارنىڭ ئەڭ ئاستىغا تىزىلىپ، ئاز ياكى بەلگىلىك مىقداردا يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەر مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئوخشاشلا، تەيۋەن مۇۋەپپەقىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ «ھەرىكەت ئېھرامى (运动金字塔)»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ بەش قەۋەت موناردا، خىزمەت، ئائىلە ئىشلىرىدىن يول مېڭىش، توپ ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنى بار.
بېيجىڭ تەنتەربىيە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرىكەت-بىئوخىمىيە (运动生物化学) تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ جىيەنمىن كۆپچىلىككە: ئېھرام ھەرىكىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
بىرىنچى قەۋەت: تۇرمۇشتىكى ھەرىكەت.
قېتىم سانى: ھەر كۈندىكى قېتىم سانى.
ۋاقىت: ھەر كۈنلۈك جەملەنمە ۋاقىت 30 مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
سىجىللىقى: مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
بۇخىل ھەرىكەت ئاساسلىقى يول مېڭىش، پەلەمپەيگە چىقىش، ۋېلسىپىت مىنىپ ئىشقا بېرىش، باغۋەنچىلىك (园艺)، ئائىلە ئىشلىرى، بازار ئايلىنىش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساۋ جىيەنمىن مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى يول مېڭىش، ۋېلسىپىت بىلەن ئىشقا بېرىش ۋە باغۋەنچىلىكتىن ئىبارەت. ئەگەر ئادەتتە باغۋەنچىلىك قىلىشقا پۇرسەت بولمىسا، كۆپرەك يول مېڭىش ۋە ۋېلسىپىت مىنىش ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئائىلە ئىشلىرىدا، دېرىزىنى سۈرتۈش، پول سۈرتۈش، كىر يۇيۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى بولغان ھەرىكەت پۇرسىتىدۇر.
ئىككىنچى قەۋەت: سوزما ھەرىكەت.
قېتىم سانى: ھەر ھەپتە 5-7 قېتىم.
ۋاقىت: 6-10 ھەرىكەت (动作)، ھەر بىر ھەرىكەت 30 سېكۇنتتىن داۋاملىشىشى كېرەك.
سىجىللىقى: سوزۇپ تارتىشىش تۇيغۇسى بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ خىل ھەرىكەت ئاساسلىقى: يوگا (瑜伽)، تاتىش ھەرىكىتى (拉筋动作)، يۇمشاق گىمناستىكا (柔软体操)، سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا (八段锦) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىزمەت قىلغۇچىلار مۈرە ۋە ئېغىرلىقنى تارتىش ھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، تامنىڭ تۆۋىدە تۇرۇپ، ئىككى قولنى تام بويلىتىپ ئۆزلۈكسىز يۇقىرىغا سوزۇپ «تامغا يامىشىش ھەرىكىتى» نى ئىشلەش؛ ئىككى قولنى ئارقىغا قىلىپ مۇشت تۈگۈپ دۈمبە قىسىمنى سوزۇش؛ قولنى باشتىن ئاشۇرۇپ كۆتۈرۈپ، بەلنى ئارقىغا ئىگىپ، قورساق قىسىمنى سوزۇش قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى قەۋەت: ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت (有氧运动) ۋە دەم ئېلىش ھەرىكىتى (休闲运动).
قېتىم سانى: ھەر ھەپتىدە 3-5 قېتىم.
ۋاقتى: ھەر قېتىم 20 مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
سىجىللىقى: ئوتتۇرھال يۇقىرى. ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەردىن ئاستا يۈگۈرەش، ۋېلسىپىت مىنىش، سۇ ئۈزۈش، تاغقا چىقىش، ئوكسىگېنلىق ئۇسۇل ئويناش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىقلار بار. ئاراملىق (休闲运动) ھەرىكەتلەردىن: چويلا توپ، ۋاسكىتبول، گولف توپى قاتارلىق توپ تۈرى قاتارلىقلار بار. بۇ خىل ھەرىكەتلەر يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. ئاراملىق ھەرىكەتلەر يەنە كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ساۋ جىيەن مىن مۇنداق دەيدۇ: ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاۋۋال سۇ ئۈزۈشنى تاللىسا بوغۇم ياللۇغى بولۇشنى كىچىكلىتىدۇ.
تۆتىنچى قەۋەت: مۇسكۇل ھەرىكىتى
قېتىم سانى: ھەر ھەپتىدە 2-3 قېتىم
ۋاقتى: ھەر 10 ھەرىكەت 1 گۇرۇپ قىلىپ، 1-3 گۇرۇپ ئىشلەش كېرەك
سىجىللىقى: مۇسكۇل بەرداشلىقىدىن ئازراق يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى: ئېغىر تىپتىكى مەشىق، قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش، تارتىش تاسمىسى قاتارلىقلار بار. ساۋ جىيەن مىن مۇنداق دەيدۇ: كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مۇسكۇل قۇۋۋەت مەشىقى (肌肉力量训练) ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا ھەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ مەخسۇس قۇۋۋەت مەشىقى (力量训练) ئېلىپ بېرىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشقا ماس كېلىدىغانلىرىدىن قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گانتېل (哑铃) ئارقىلىق يۇقىرىقى مۈچە مەشىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بەشىنچى قەۋەت: جىمجىت ھەرىكەت. ئودا 60 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ. بۇ خىل ھەرىكەتلەردىن تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپيۇتېر ئويناش، خىزمەت قاتارلىقلار بار. ساۋ جىيەن مىن مۇنداق دەيدۇ: گەرچە ئولتۇرغاندىمۇ ئېنېرگىيە سەرپ قىلساقمۇ، ئەمما مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى 1 سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ باشقا ھەرىكەت قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، خىزمەت قىلغۇچىلار ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا چىقىپ ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 3 مىنۇت ئۆرە تۇرۇشنى بەلگىلەپ ئۆرە تۇرۇشى كېرەك.