ئەرلەر ساغلاملىقى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى

ياڭاق ئەرلەرگە پايدىلىق ئىكەن

يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى مەنبەسى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2016-01-09 كۆرۈلىشى قېتىم

20160104112421850.jpg

 

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئەرلەر كۈنىگە بىر تال ياڭاق يەپ بەرسە، ئىسپېرمىغا پايدىلىق ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارمى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە نورمال يېمەكلىك بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە كۈنىگە 75 گرام ياڭاق بەرگەن، سىناقتىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ئىسپېرما ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى، جانلىقلىقى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگىدە ئۆزگىرىش بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ياڭاق يېگەنلىرىنىڭ ئىسپېرمىسىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان.
دوكتور ۋېندى رودىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭاق تەركىبىدە ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، ئومىگا-3ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئىسپېرمىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش رولى بار ئىكەن. 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015