كىچىك سىناق: مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپسىزمۇ؟
ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىزباسار» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. ھالبۇكى، كۆپىنچە مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان «نىمكەش» بىمارلار ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپقانلاردۇر. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكى توختىماي ئېغىرلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىلا ، ئاندىن داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.

ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئۇنداقتا ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر بويىچە ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولۇپسىزمۇ؟