مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 7 ئىش
مەزى بېزى ياللۇغى- بولسا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈكنىڭ ئالدى كەينىدە ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىش ، جىنسى قابىلىيەت تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

نۆۋەتتە مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم بىمارلار مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ، ۋاقتىدا داۋالىنىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم بىمارلار بەدەن ئالامەتلىرىگە قاراپ، ئۆزىگە ئۆزى دىئاگنوز قويۇپ دورا ئىشلىتىش ياكى بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ، خاتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىش، داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە پەرھىزگە سەل قاراش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېسەللىك تەكرار قوزغىلىش، ساقىيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، كېسەللىكى ئېغىرلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. ئەگەر بۇ خىل كېسەللىككە قارىتا خاتا دىئاگنوز قويۇلسا ياكى خاتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، شۇنداقلا ئالدىنى ئىلىش ۋە پەرھىزگە ئەھمىيەت بېرىلمىسە، كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلاپ مەزى بەز ئۆسۈش، مەزى بەز راكى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالىنىشى، شۇنداقلا ساقايغاندىن كېيىنمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىغا ۋە پەرھىز قائىدىسىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق يېمەك -ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەزى بېزىنىڭ نورمالنى خىزمەت پائالىيىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.