ئاياللار يازدا سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك
ياز پەسلىدە ئاياللار قېنىپ ئۇخلىيالماسلىق، زىيادە چارچاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدىنىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇسسۇلۇق ئاز ئىچىلسە، سۈيدۈك قويۇقلىشىپ، مىكروبلار ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىلماي، يۇقۇملىنىشى تېز ئېشىپ كېتىدۇ.
شۇڭا ئاياللار ياز پەسلىدە سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇسسۇلۇق ئىچىشى، ئاچچىق–چۈچۈك نەرسىلەرنى ئاز يېيىشى، شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىشى، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، كېسەل ئالامىتى كۆرۈلسە،ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.