يەرلىك رىتسىپلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » يەرلىك رىتسىپلار

چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى

يوللىغۇچى : زۇلخۇمار ئوسمان مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-27 كۆرۈلىشى قېتىم

 چامغۇر تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شىپالىق رولىنى ئاۋام: «نامراتنىڭ گۆشى چامغۇر ياكى نامراتنىڭ دورىسى چامغۇر» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتاپ، تۆت پەسىلدە تامىقىدىن ئۈزمەي، شورپا، لەڭمەن قورۇمىسى، سۇيۇقئاش، يوبدان، ئۇماچ قاتارلىق تاماقلارنىڭ مۇھىم خۇرۇچلىرى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە. چامغۇرنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئسسىق بولۇپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغاچقا، ساقلىقنى ساقلاشتا غىزايى داۋالىق ۋە داۋايى غىزالىق رولى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تىبابەتتە چامغۇرنىڭ يىلتىزى، ئۇرۇقى، چېچىكى قاتارلىقلار دورىغا كەڭرى ئشلىتىلىدۇ. چامغۇرنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى (سوغۇقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقى، رېماتىزىم قاتارلىق) سىرتتىن يۇيۇپ بەرگەندە، ئاغرىق پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ چامغۇر چېچىكىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ بېرىلسە، يۆتەل توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ئادەتتە چامغۇر شەربىتى، چامغۇر مۇرابباسى تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ؛ مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى بىر قانچە باش چامغۇرنى تۈپىدىن يۇلۇۋەتمەي، كۆكىنى ئېتىزدا تۇرغۇزۇپلا تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، يەردە قالغان چامغۇرنىڭ ئۈستىنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ، ئۈستىگە قاچا كۆمتۈرۈپ قويۇپ، ئىككى سوتكىدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئويۇلغان يېرىگە يىغىلغان سۈيىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، چامغۇر شەربىتى ياساپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015