يەرلىك رىتسىپلار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » يەرلىك رىتسىپلار

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-16 كۆرۈلىشى قېتىم

 

چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شەقىقە قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ.

دۇفۇ: دۇفۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم تېنىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دۇفۇ بىلەن كەرەپشىنى پىشۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

غولپىياز: خولېستېرىننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. غولپىيازنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

لامنارىيە (خەيدەي) : قىزىل قان تومۇر دىۋارىغا ياغ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

خاسىڭ: خاسىڭ مېغىزى (پوستى بار) نى ئاچچىقسۇغا بىر ھەپتە چىلاپ، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا قارا شېكەر، سامساق ۋە جياڭيۇ قوشۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بىر- ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر خاسىڭ شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ، چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئۇنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئاچچىقسۇ: يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان تومۇر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئورۇقلاشنى خالايدىغانلار بولسا، كۈندە ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

باش پىياز: باش پىيازنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قاندىكى ماي تەركىبىنى ئازايتىپ، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەمدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

كەرەپشە: دائىم كەرەپشە بىلەن گۆشىنى قورۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان تومۇرنى ئاسراپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015