تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » تۇمۇش مەسلىھەتچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئارغامچا سەكرەش ۋە ساغلاملىق

يوللىغۇچى : سەييارە مەنبەسى : ئاشپەز تورى ۋاقتى : 2016-08-21 كۆرۈلىشى قېتىم

 مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭلۇق شاھمات ماھىرى ياڭ گۈەنلىڭ مەيلى قەيەرگە بارسا يېنىدىن ئىككى نەرسىنى ئايرىمايدىكەن، ئۇ بولسىمۇ بىر تال ئارغامچا ۋە تىكتاك توپ پالىقى ئىكەن، شاھمات ئويناش ئارىلىقىدا ئۇ دائىم تىكتاك توپ پالىقىنى ھۇجۇمغا ئۆتكەن ھالەتتە تۇتۇپ، 200 قېتىم ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئاندىن ئىككى پۇتنى جۈپلەپ تۇرۇپ بەش مىنۇت ئارغامچا سەكرەيدىكەن. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، شاھمات ئويناشتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرىدىكەن.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دوختۇرلار ۋە تەنتەربىيەچىلەرمۇ ئارغامچىنى ھارغىنلىقنى ئەڭ ئاسان تۈگىتىدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ۋە ئەرزان بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش قورالى دەپ قارىماقتا.

ئارغامچا سەكرەش ئارقىلىق يوتا،مۈرە، بىلەك،پاقالچاق ۋە پۇتىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتى بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان، تەجرىبىدە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەخسۇس ئارغامچا سەكرەتگۈزگەن. نەتىجىدە، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن شەكلى نازۇكلىشىپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى كۈچەيگەن، بوي ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10.16سانتىمېتىر ئۆسكەن. ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە مەشىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىمۇ ئوخشاشلا ياخشىلانغان.

ئارغامچا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ پايدىسى توغرىسىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى بايقىغان:

 سەككىز مىنۇت ئۈزۈلدۈرمەي ئارغامچا سەكرەش 1000 مېتىر ئۇزۇنغا يۈگۈرگەنگە ۋە بىر سائەت مۇز تېيىلغانغا باراۋەر، توققۇز مىنۇت توختىماي ئارغامچا سەكرەش ۋېلىسىپىت بىلەن 500 مېتىر يول يۈرگەنگە باراۋەر، 15 مىنۇت ئۈزۈلدۈرمەي ئارغامچا سەكرەش ئۈچ مەيدان چويلا توپ ئوينىغانغا باراۋەر، 20 مىنۇت توختىماي ئارغامچا سەكرەش 637 مېتىر سۇ ئۈزگەنگە باراۋەر.

ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئارغامچا سەكرەش ئارقىلىق مۇسكۇل تالالىرىدىكى ئاقسىل مىقدارىنى ئاشۇرغىلى، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىشىنى كۈچەيتىپ، قىل تومۇرلارنى كۆپەيتكىلى، موسكۇللارنى چىڭىتىپ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئارغامچا سەكرەش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارنىڭ پۇت ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى ۋە بەدەننىڭ قېرىشىنى ئارقىغا سۈرۈش رولىغىمۇ ئىگە.

چۈنكى  ئارغامچا سەكرىگەندە بىلەك، بەل، پۇت قوللار ھەرىكەتلىنىش بىلەن بىرگە نەپەسلىنىشنى تېزلىتىپ، كۆكرەك، مۈرە دىئاگرافما پەردىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق مېڭە ئاستى بېزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ جانلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەمنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015