ئورۇقلاش ئۈچۈن كەچلىك تاماقتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

كەچلىك تاماق ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئامال بار سائەت 7 دىن بۇرۇن كەچلىك تاماق يەپ بولۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېمەكلىك ئاشقازاندا يىغىلۋالماي پۈتۈنلەي ھەزىم بولۇپ كېتىدۇ. كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماق ئىچىدە كەچلىك تاماق مىقدارى ئەڭ ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق مىقدارىنى كېمەيتىشكە بولمايدۇ. كەچلىك تاماقتا مايلىق، ئاچچىق، تەركىبىدە كراخمال مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ، قىزىلمۇچ تەملىك توخۇ، يەل قازان، تاتلىقياڭيۇ، بەرەڭگە قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ.كەچلىك تاماققا يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يېيىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەنى بېلىق، شورپا قاتارلىقلارنى يەپ، ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يېيىش، بولۇپمۇ ئۇن تاماقلىرىنى يېمەسلىك كېرەك.
كەچ سائەت 8 دىن كېيىن تاماق يېمەسلىك، بولۇپمۇ كېچىسى تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇ ئادەتنى تاشلىشى كېرەك. ئەگەر قورساق بەك ئېچىپ كەتسە دۈملەپ پىشۇرۇلغان ئالما ياكى مايمۇن شاپتۇلى يېيىشكە بولىدۇ. تەبىئىيتى سوغۇق، ئىسسىقلىق يۇقىرى بانان. قەنت مىقدارى يۇقىرى ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى قەتئىي يېمەسلىك كېرەك.كەچلىك تاماق يەپ 15 مىنۇتتىن كېيىن بىر چىنە قېتىق ئىچىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە ئۇيۇتقان شېكەرسىز، ئەسلى تەم بولۇشى، ھەرگىزمۇ مېۋە ۋە مۇراببا قوشۇلغان بولماسلىقى كېرەك.كەچلىك تاماق يەپلا ئولتۇرۋالماسلىق، ئاز بولغاندىمۇ 40 مىنۇت ئۆرە تۇرۇش ياكى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش كېرەك. (تېز قەدەم بىلەن مېڭىشقا بولمايدۇ)