
1. پەمىدۇر مەستلىكنى يېشىدۇ. مەستلىكتە قۇسۇش ئادەمنى ئىنتايىن بىئارام قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى كالىي، كالتىسىي، ۋە ناترىي قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. مەستلىكتە قۇسقاندىن كېيىن پەمىدۇر شىرنىسى ئىچكەندە پەمىدۇر شىرنىسىدىكى مول كالىي، كالتىسىي ۋە ناترىي قاتارلىق تەركىبلەر ئېقىپ كەتكەن ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاپ، بىئاراملىقنى يەڭگىللىتىدۇ.
2. كېكىرسىڭىز شېكەر يەڭ. كېكىرىش ھەم ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان، ھەم باشقىلارغا سەت كۆرۈنىدىغان ئىللەت. ئەل ئارىسىدا بۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەڭ كەڭ تارقالغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تۇيۇقسىز چۆچۈتىۋېتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ ئۇسۇلمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا تىلنىڭ ئاستىغا بىر قوشۇق شېكەرنى بېسىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى شېكەر يۇتقۇنچاق (بوغۇز) نىڭ ئارقىسىدىكى نېرۋىنى غىدىقلايدۇ، غىدىقلانغان نېرۋىلار بەدەندىكى كېكىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېرۋا سىگناللىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېكىرىش توختايدۇ ياكى يەڭگىللەيدۇ.
3. بېلىق زىققىنى داۋالايدۇ. زىققا كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتىكى چاغلاردا يېمەك-ئىچمەككە بەكرەك دىققەت قىلىپ ئىسسىق، مايسىز، سۇيۇق ھەم يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى تامىقىنىڭ مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ بولۇشى، مۇشۇ ئاساستا بېلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بېلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆپكىنى نەمدەپ ۋە قۇۋۋەتلەپ، زىققا كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. زىققا كېسىلى ئېغىرراق بىمارلار كۈندە ئاز بولغاندا بىر قېتىم بېلىق ياكى باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا پالەكنىڭمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
4. چىش ئاغرىغاندا چاينى كۆپ ئىچىڭ. چاي سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق، ئەڭ يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە چايدا فتور ۋە چاي پولىفېنولى قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ چىشن چىرىشتىن ساقلاش رولى بولىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىپ بەرسە ياكى ئېغىزنى چاي بىلەن چايقاپ بەرسە، ئېغىز پاكلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
5. كالا گۆشى چاش چۈشۈشنى داۋالايدۇ. كالا گۆشى ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان گۆش بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياش تۇرۇپلا قويۇق چېچىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز كالا گۆشى يەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. داۋاملىق كالا گۆشى يەپ تۇرغاندا گەرچە چاچ چۈشۈش مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
6. قارا ئاش تۇغماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ ئۇزۇنغىچە ھامىلدار بولالماسلىقى ئايال تەرەپكىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن ئەر تەرەپكىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياش ئەر-ئاياللار ئەڭ ياخشىسى يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ھامىلىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە قارا ئاشلىقلاردا يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا يوپۇرماق كىسلاتاسىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
7. تېرە كۆكىرىپ قالسا گۈل كاپۇسكا (چېچەكسەي) يەڭ. بەزى كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ تېرىسى ئاق خانىم-قىزلارنىڭ تېرىسى يېنىككنە سوقۇلۇش ياكى زەخىملىنىشتىنمۇ كۆكىرىپ قالىدۇ. بۇ بەدەندە ۋىتامىن K نىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، ئۇنى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى گۈل كاپۇسكا (چېچەكسەي) نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت. تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەپتىدە بىرنەچچە قېتىم گۈل كەپۇسكا (چېچەكسەي) ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قان تومۇر دىۋارى قېنىقلىنىپ چىڭىپ ئاسانلىقچە يېرىلىپ كەتمەيدىكەن.
8. ئالما شىرنىسى يۈرەك كېسىلىنى يەڭگىللىتىدۇ. ئالما بارلىق ھۆل مېۋىلەر ئىچىدىكى كوزىر مېۋە بولۇپ، ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا مۇۋاپىق كېلىۋېرىدۇ. دائىم ئالما شىرنىسى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەندىكى ناچار خولېستېرىننىڭ قان تومۇرلارنى توسىۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.